ج خ تارماقلىرى ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان

2008-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 25‏ - مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە پارتلاشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باياناتچىسى با يەن، ئۈرۈمچىدە بىر ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە رايوندا تارقالغان سۆز - چۆچەكلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ياۋخۇا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەرگەن باياناتىدا، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلقنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئۈچۈن، زەھەرلىك سۆز - چۆچەكلەر تارقاتماقتا، دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە بىر قاتار پارتلاشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان بەزى كىشىلەرنى قولغا ئالغان.

لېكىن، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى، ئۈرۈمچىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىنى جاۋابلاندۇرغان ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈرۈمچىدە بىر قاتار پارتلاشلار مەيدانغا كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت