خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2006-05-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

چارشەنبە كۈنى خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇنبىرىنىڭ 2‏- نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرى مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ خىتاي-ئەرەب ئەللىرى مۇنبىرىنىڭ خىتايدا تۇنجى قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ كۆرۈشكەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ئىچىدە ھامماس تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بار ئىكەن. خۇ جىنتاۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا، خىتاينىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن تېرروچى ھۆكۈمەت دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ھامماس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماھمۇد زاھارنىڭ يىغىن مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكى تېخى نامەلۇم. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ھامماس رەھبەرلىكىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى ئۇلار تەختتىن چىققاندىن بۇيان قوللاپ كەلگەن ئىدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان خىتاي-ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرىدە، ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش سېكرىتارى ئامىر موسا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئامىر موسانىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ دۆلەت پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا سىياسىي ياردەمنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خۇ جىنتاۋ ئەرەب ئەللىرىنىڭ "بىر جۇڭگو" پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنگە قارشى چىققانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت