خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 2007 ‏ - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

2008-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2007 ‏ - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، مەزكۈر دوكلاتتا ئۆتكەن يىل ۋە ئالدىنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنىنى، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەددىدىن تاشقىرى دەرىجىدە ناچار ئالدىنقى 10 دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىدىن قايناقلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ " كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى" نى قاتتىق تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2007 ‏ - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمى 139 بەتلىك بولۇپ، مەزكۈر دوكلاتتا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مۇستەبىت دۆلەت ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن ھوقۇقنى ئىگىلىۋالغان بىر پارتىيىلىك دۆلەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي جەھەتتە قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن جازالاش، قەستەن ۋە قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىش ھەرىكەتلىرى تەنقىد قىلىنغاندىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا زەربە بېرىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت