كانادادا پاناھلانغان خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئايالى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

2007-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5‏- مارت كۈنى كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان خىتاينىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى خىتاي دىپلوماتىنىڭ ئايالى جيەنجاڭ، خىتاي باش ئەلچىخانىسىنى، كانادادىكى خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان دەپ، ئەيىبلىدى.

جيان جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن كانادادىكى خىتاي جامائىتى ئىچىدە تەسىر دائىرىسىسىنى كېڭەيتىپ، جامائەتنىڭ پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلىماقتا دەپ، كۆرسەتتى.

جيان، خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ، خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ نيويوركدىكى بىر رادىئو ئىستانسىنىڭ ئاڭلىتىشلىرىنى توساش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مىسالى قىلىپ كۆرسەتتى.

جيان شۇنداقلا، كانادادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خەلقىنىڭ كانادادىكى فالوڭگوڭ مۇرىتلىرىغا قارشى نەپرىتىنى قوزغاش ئۈچۈن پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ جۈمە كۈنى كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋا شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "خەلقنىڭ كانادادىكى فالوڭگوڭ مۇرىتلىرىغا قارشى نەپرىتىنى قوزغاش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىدا تەييارلانغان ماتىرياللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەمدە خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىگە فالوڭگوڭ ھەققىدە تەييارلانغان ھۆججەتلەرنى كانادا ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە كانادا پارلامېنت ئەزالىرىغا تارقاتتىم دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم" دېدى.

جيان جاڭ ، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىنجان جېلىل ۋە خىتاينىڭ كانادائىكى رازۋېتكا پائالىيەتلىرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى جىددىلىشىۋاتقان سودا ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن كانادا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەن بىر پەيتتە، كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت