شەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبىي سودا - ئىقتىساد شەھىرى شېنجىندىكى بىر تانسىخانىغا ئوت كېتىپ 43 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بوۋاقلار سۈت پاراشوكىغا زەھەرلىك خىمىيىلىك ماددا ئارىلاشتۇرۇلۇش سەۋەبىدىن 6200 دىن ئارتۇق بوۋاقتا كېسەللىك كۆرۈلۈشى ھەمدە تۆت نەپەر بوۋاقنىڭ ئۆلۈم كېتىش ئەھۋالى سادىر بولغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە بىردىنلا خەلقئارا مىقياسىدا جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 - يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، زەھەرلىك بالىلار سۈت پاراشوكى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلىغان.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى زەھەرلىك سۈت پاراشوگىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2، كېسەللەنگۈچىلەر سانىنىڭ 1253 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مىنىستىرلىق بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۆلگۈچىنىڭ 3كە، زەھەرلەنگۈچىنىڭ 6244 كە يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.