ھىندىستان ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئالاھىدە ئەھۋاللاردا قورال ئىشلىتىش رۇخسىتى بەرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
15-ئىيۇن كەچتە شەرقىي لاداق رايونىغا قاراشلىق ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان گالۋان جىلغىسىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 نەچچە ھىندىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن.
15-ئىيۇن كەچتە شەرقىي لاداق رايونىغا قاراشلىق ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان گالۋان جىلغىسىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 نەچچە ھىندىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن.
Social Media

قاراقۇرۇم تاغلىرىغا جايلاشقان ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدا يۈز بەرگەن ماجىرادا ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، ھىندىستان تەرەپ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىدىكى ئۇرۇش قىلىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئالاھىدە ئەھۋاللاردا قورال ئىشلىتىش رۇخسىتى بەرگەن.

15-ئىيۇن كەچتە شەرقىي لاداق رايونىغا قاراشلىق ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان گالۋان جىلغىسىدا خىتاي ئەسكەرلىرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 نەچچە ھىندىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئەسكەرلىرى مەزكۇر چېگرادا قورال ئىشلەتمەسلىك بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، خىتاي ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا قورال ئىشلەتمىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندىستان ۋە خىتاي تەرەپ 1996-ۋە 2005-يىللىرى چېگرا چارلاش جەريانىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا قورال ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

مەزكۇر پاجىئەدىن كېيىن ھىندىستان دائىرىلىرى ئۇرۇش قىلىش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۆز ئەسكەرلىرىگە «ۋەزىيەتكە تاكتىكىلىق قارىشى تۇرۇشتا تولۇق ئەركىنلىك» بەرگەن. نۆۋەتتە ھىندىستان كوماندىلىرى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىلىكىدىكى بارلىق ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قورال ئىشلىتىش بۇيرۇقى بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغان.

ئىلگىرى مەزكۇر چېگرادا قورال ئىشلىتىش ھىندىستان تەرەپنىڭ «ئۇرۇش قىلىش قائىدىسى» دە يوق ئىكەن.

خەۋەردە ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قۇچاقلاشما جەڭ 6، 7 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان. 

ئۇ يەنە، توقۇنۇشتا ھەر بىر ھىندىستان ئەسكىرىگە بەشتىن خىتاي ئەسكىرى توغرا كەلگەنلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان.

بۇ قۇچاقلاشما جەڭدە خىتاي تەرەپتىنمۇ ئادەم چىقىم بولغانلىقىنى مەلۇم. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى خىتاي تەرەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆلگەن ئادەم سانىنى سىر تۇتقان.

رويتېرسىنىڭ بىر ھىندىستان ھۆكۈمەت خادىمنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن 43 ئەسكەر ئۆلگەن. 

بۇ توقۇنۇش، 1962-يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت