خىتاي كۆچمەن: «ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنى قۇربانلىق قىلدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم بازارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ساقچى قالپىقى. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
مەلۇم بازارنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ساقچى قالپىقى. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

18-ماي كۈنى خەلقئارا كۈچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتايچە تور بېتىدە چان نەييۈ تەخەللۇسلۇق بىر خىتاينىڭ «مەڭگۈ قايتقىلى بولمايدىغان يۇرت» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇغۇلغان خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاپتور ئۆزىگە ئوخشاش خىتاينىڭ پەقەتلا خىتاي ئۆلكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە قەپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر رايوندىن ئايرىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ 3-ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرۇش كەچمىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىن پەرقلىق بولغان قاتتىق سىياسەتلەرنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىدۇ:

«مەن شىنجاڭدا تۇغۇلگغان بىر خىتاي. ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن شىنجاڭدىن ئايرىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇرۇق-تۇغقان دوستلىرىمنى يوقلاش ئۈچۈن يىلدا بىر ئىككى قېيتىم قايتىمەن. ئىككى-ئۈچ يىل ئىلگىرى 3-ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قايتقان ئىدىم. شۇ قېتىم ساقچىلارنىڭ مېنىڭدىن بىيولوگىيەلىك ئۇچۇر ئېلىش جەريانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم خاتىرەمدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. 10 بارماقنى بېسىپ ئەۋرىشكە ئېلىش، كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى سۈرەتكە ئېلىش، بارماقنى تېشىپ د ن ئا قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش قاتارلىق پەقەت فانتازىيەلىك ھېكايىلاردىلا تەسۋىرلىنىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنىڭمۇ ھاياتىمدا يۈز بەردى. مېنىڭ خاتىرەمدە قالغىنى پەقەتلا ساقچىلارنىڭ كۈلكىلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان 3-ئەۋلاد كىملىك ئالماشتۇرۇش تەكشۈرۈشى جەريانىدىكى قورقۇنچلۇق تۇيغۇ ئىدى. ئەمما شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق ھاياتىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.»

ماقالىگە يەنە تېز سىزما رەسىملەر كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دۇكا-ماگىزىنلاردا سومكا ئاختۇرۇشى، يول توسۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈشى، ساقچىلارنىڭ برونىۋىك ماشىنىلار ئارقىلىق كوچا چارلىشى، تۈرمىلەرگە ئوخشاش سىم توساقلار بىلەن قورشالغان مەكتەپلەر قاتارلىق قاتمۇ-قات نازارەت ۋە تەقىبلەش تەدبىرلىرى ئوبرازلىق ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن.

كانادادىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشكەر جەمئىيىتى كانادا شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېڭ شۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەزكۇر خىتاينىڭ يازمىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزى يورۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چان نەييۈ تەخەللۇسىدىكى خىتاي كۆچمەن يازمىسىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل قاتمۇ-قات نازارەت ۋە تەقىبلەش سىياسىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ رايوندا مەنپەئەت كۆرۈۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىدىمۇ ئەنسىزلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يازمىسىدا مۇننداق دەپ يازىدۇ: «مەن ئائىلەمدىكىلەر بىلەن دوستلىرىمغا بۇ خىل قاتتىق نازارەت سىستېمىسىغا بولغان نارازىلىقىمنى ئىپادىلىسەم، ئۇلار ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ: ‹بۇ دېگەن شىنجاڭ› دەپ خورسىندى. ئەمما مەن رايوندا ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان بۇ خىل قاتتىق نازارەت ۋە تەقىبلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيتىم. شىنجاڭدىن يېڭى ئايرىلغان چاغلاردا ‹شىنجاڭ› ئاتالغۇسىنىڭ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ‹چەتلەشتۈرۈلگەن› ۋە ‹قالاق› بىر رايوننى ئىپادىلەيدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇ نام سىزگە ھەر ۋاقىت ئاۋارىچىلىك ۋە توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلەتتى. لېكىن شىنجاڭدا خىتايلار ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە توپلۇق ھېسابلىناتتى. ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇلار ئۇچرىغان تەڭسىز مۇئامىلىنى بىلەتتىم. دوستۇمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، (2017-يىلدىكى) 19-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپتۇ. دەسلەپ ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر خىل باھانىلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلىپتۇ.»

ئۇ يەنە بۇ خىل قاتتىق سىياسىي تەدبىرلەرنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتدارلىرى دەپ قارىلىۋاتقان بىر ئەۋلاد خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، مانا بۇ خىل كەمسىتىش سىياسىتى ئاستىدىكى جەمئىيەتتە ئىككى مىللەتكە قارىتىلغان پەرقلىق مۇئامىلە ئارىمىزدىكى تەڭسىزلىكنى پەيدا قىلغان. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن مەنپەئەتدار مىللەتتىن بولساممۇ، ئەمما تەبىئىي ھالدا بۇ جايدىكى كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم. باشلانغۇچ مەكتىپىمنى زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا تام ئەتراپىغا تارتىلغان سىم توساقلار بۇ يەرنىڭ مەكتەپ ئەمەس، بەلكى تۈرمىگە ئوخشاشيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرگىنىمدە ئىنتايىن ئازابلاندىم. ئەجەبا بۇ جايدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل سىم توسۇقلارغا كۆنۈپ كەتتىمۇ؟ ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ياكى چوڭ بولغاندا ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغىنىنى ھېس قىلمامدۇ؟ پويىزدا يولۇققان بىر خىتاي كادىر ناھايىتى سەمىمىي ھالدا: ‹ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەر بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنى قۇربانلىق قىلدى، › دېدى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بۇ بىر ئەۋلاد ئەلۋەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە بىز خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەممىمىز تەقدىرداشمىز.»

شېڭ شۆ خانىم ئۇيغۇر رايونىدا ياشىغان خىتايلارنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق بىر گەپنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ھەققانىيەت مەيدانىدا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىزچىل ھالدا خەلقئارا يىغىنلاردا كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ساختا تىنچلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى بەدىلىگە يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدىم. مەن رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى مىسسال قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئاشقۇن ھالەتكە يەتتى. بۇ جايدا ياشاۋاتقان ھەممە ئادەم ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان بىر ئېغىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتايلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. شۇڭا ئۇلارنىڭ بۇ زوراۋان ھاكىمىيەتكە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قارايمەن. يەنى ئۇلار ئۆز-ئۆزىدىن: ‹سەن بۇ خىل زوراۋان ھاكىمىيەتنى داۋاملىق قوللامسەن ياكى بۇ زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرامسەن؟› دەپ سورىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بىر زوراۋان ھاكىمىيەت مەلۇم توپلۇققا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بارغاندا باشقىلار قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. يەنى سەن يا بۇ ھاكىمىيەتكە يانتاياق بولۇشنى تاللىشىڭ ياكى بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى مەيداندا تۇرۇپ باستۇرۇلۇۋاتقانلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭ كېرەك.»

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت