تۈركىيەنىڭ مەشھۇر دىنى ئالىمى ئېھسان شەنئوجاق تۈركلەرنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-05-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدىكى ئىلىم-ئىرفان ۋەخپى رەئىسى دىنى ئالىمى، دەۋەتچى ئېھسان شەنئوجاق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزدە. 2018-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل.
ئىستانبۇلدىكى ئىلىم-ئىرفان ۋەخپى رەئىسى دىنى ئالىمى، دەۋەتچى ئېھسان شەنئوجاق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزدە. 2018-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

ئىستانبۇلدىكى ئىلىم-ئىرفان ۋەخپى رەئىسى دىنى ئالىمى، دەۋەتچى ئېھسان شەنئوجاق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان يۇتۇب قانىلىدىكى نەق مەيدان پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۈركلەرنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەم خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

مەشھۇر دىنى ئالىمى دەۋەتچى ئېھسان شەنئوجاق، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ 234 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بولغان يۇتۇب قانىلىدىكى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» دېگەن تېمىدىكى نەق مەيدان پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى. بۇ پروگرامما نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نەق مەيداندىن ئەگىشىپ كۆردى ۋە ھەر خىل پىكىر-ئىنكاس يېزىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قايتا تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتالغان زىندانغا قامالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردا ھەر خىل ئىسكەنجە، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئۇيغۇرلار ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايلار ئۇلارغا جىنايەتچى دەپ قارىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتىدۇ»، دېدى.

ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى تۈركلەرگە خىتاب قىلىپ: «قېرىنداشلىرىم، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەڭلارمۇ بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتايلى، بىراق ئۇ يەردىكى ناھەقچىلىكنى، جىنايەتنى ۋە قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقىمۇ ئاجىز كېلىۋاتىمىز»، دېدى.

ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە «بۇ جاي مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىسلامنىڭ يىقىلمىغان قەلئەسى بولۇپ كەلدى»، دېدى.

ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندى تۈركلەرنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە چوڭ بىر زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، خىتاي مېلىنى سېتىۋېلىپ ئۇ زۇلۇمغا دەستەك بولماڭلار، بىر قانچە پۇل پايدىنى دەپ مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنى زالىم خىتاينىڭ قولىغا تاشلاپ قويمايلى، ھېچ بولمىغاندا ئىقتىسادى جەھەتتە خىتايغا بىر زەربە ئۇرۇش ئۈچۈن يەرلىك ماللارنى ئىستېمال قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىتىپ، خىتاي ماللىرىغا بايقۇت قىلايلى. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى. ئۇلار ئۈچۈن كېچىلىرى دۇئا قىلايلى، بۇ زۇلۇمنى توختىتايلى، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئىگە چىقايلى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىگە ياردەم قىلايلى. گېزىت ژۇرناللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتايلى. ھېچ كىمدىن قورقمايلى، جاننى ئاللاھ بەردى يەنە جاننى ئالغۇچى ئۇ ئاللاھتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىمدىن قورقمايلى».

ئېھسان شەنئوجاق، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان مەيلى دەۋەت سورۇنلىرىدا بولسۇن مەيلى مەسچىتلەردىكى تەبلىغلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ۋىدېيولۇق پروگراممىلاردا بولسۇن توختىماي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كەڭ تۈرك ئاممىسىغا ئەڭ ياخشى بىر شەكىلدە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مىركامىل ئەپەندى، ئېسان شەنئوجاقنىڭ تۈركىيەدە تەسىرى بار مەخمۇتچىلار جامائىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ماخمۇتچىلار جامائىتىنىڭ تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 9-10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ھەتتا ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان چوڭ جامائەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئېھسان شەنئوجاق ئەپەندىنىڭ خىتاي ماللىرىنى بايقوت قىلىش چاقىرىقىغا خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ چاقىرىقنىڭ ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت