خىتاينى خەلقئارا سوتقا تارتىش چۇقانلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاينىڭ 13-دېۋىزىيەسى «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ ئالدى دەرۋازىسى. 2017-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلى، قۇمۇل.
BITTER WINTER

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارادا بارغانسېرى زور بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان پاكىتلار ئالدىدا ئەڭ دەسلەپكى «بىزدە لاگېر مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن باياناتىنى ئۆزگەرتتى ھەمدە «لاگېر» دەپ بىلىنىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە باشلىدى. ھالبۇكى شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بۇ ئاتالمىش «مەكتەپ» لەرنىڭ تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان مۇئەسسەسىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى مەكتەپ دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى كۆرسەتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىنى ئەيىبلەپ «بىر قىسىم دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزگە ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە قارا سۇۋاشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ جار سېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ لاگېرلارغا دائىر بىر قىسىم ئىچكى ئۇقتۇرۇش ۋە ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مۇساپىسىدە ئالغا قاراپ كېتىۋاتقاندا كونا ئۇسۇللارنى قايتىدىن بۇنچە كەڭ كۆلەمدە ئىشقا سېلىشى بولسا بىر تۈركۈم ھەقىقەت سۆيەر ئىنسانلارنى بۇ قىلمىشلارغا قارشى تەدبىر ئېلىش يوللىرى ھەققىدە ئويلاندۇردى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئەزىم ئىبراھىم ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ ئۆزىنىڭ «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارا بولغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» شەكلىنى ئالغانلىقىدەك رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارانىڭ ئەمدى بىر ئىش قىلمىسا بولمايدىغان باسقۇچقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئەزىم ئىبراھىمنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان، چېن چۈەنگو بىۋاسىتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق كىشىلىرىنى لاگېرغا قاماپ بولغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرى ئەينى ۋاقىتتا گۇلاگ سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا كۆرۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قىز-چوكانلارنى تۇغماس قىلىۋېتىش ھادىسىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ 500 مىڭچە لاگېر مەھبۇسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقاندا مىڭلىغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ «تۇغقان بولۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلىشىشى ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق شەخسىيەت بوشلۇقى قويمىغان. لاگېر سىرتىدا بولسا ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئاپارتېيد (ئىرقىي ئايرىمىچىلىق) تۈزۈمى» نىڭ مودېلى ئورنىتىلىپ بولغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەلمۇ بۇ مەسىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا. ئۇنىڭچە ھازىر خەلقئارادا بۇ مەسىلىگە قارشى پەيدا بولۇۋاتقان كۈچلۈك ئىنكاسلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكلا تەمتىرىتىپ قويماقتا.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2014-يىلىلا «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى بىرلىككە كەلگەن مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مىللىي كىملىك» دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي دۆلىتى يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردىكى سىياسەتلەرگە پۈتۈنلەي قارشى بولغان بۇ ھۆكۈم ھازىرقى خىتاي دۆلىتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىش ئۆلچىمى بولۇپ قالغانلىقتىن، «ئىناق جەمئىيەت» ئارزۇسى چەتتىن كەلگەن ھەممىلا نەرسىنى ئىنكار قىلىدىغان خىتاي مىللەتچىلىكىگە كەڭ يول ئاچقان. بۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى بىرىنچى بولۇپ كەسكىن ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەن. يەنە كېلىپ «مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئاپىرىدۇ» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت دۇنياسىنى خىتايچە مەدەنىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

نۇرىي تۈركەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىشىدەك قىلمىشىنىڭ ھېچقاچان ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق سەلبىي نەتىجىلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دوكتور ئەزىم نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە ئېيتىلغان «غەرەزلىك ھالدا بىر مىللەت تۈركۈمىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، بۇ جەرياندا شۇ مىللەتكە قانلىق جاراھەت ۋە ئېغىر بولغان روھىي ئەرزىيەت يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش» دېگەنلەرگە ئاساسەن «تىپىك بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى دەل «ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش» نامىدا مۇشۇ خىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاكتىپ ئىجرا قىلماقتا. بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرقاچان زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشى ھازىر ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، دۇنيا خەلقىگە بەكمۇ تونۇشلۇق بولغان «ھەرگىز قايتىلانمايدۇ!» دېگەن شوئار نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن بىر يېڭى ئەخلاقىي سىناق بولۇپ قالماقتا. يەنە كېلىپ خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل زۇلۇملارغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي مەجبۇرىيەتكە ئايلانماقتا. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ خەلقئارا سوتنى ئىشقا سېلىشتىن باشقا بىرەر ئۈنۈملۈكرەك چارىسىمۇ يوق ئىكەن. غەرب دۇنياسىدىن، ئوتتۇرا شەرقتىن، ئاسىيا قىتئەسىدىن ۋە ئافرىقادىن تېخىمۇ كۆپ ئەزا دۆلەتلەر بۇ سوت مەيدانىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالىسا ئۇ ھالدا مۇشۇ سوت ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەكلەشتە بەزى ئەمەلىي نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت