ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 ئورگاننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
AP

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 20 ساقچى ئورگىنى بىلەن 8 يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قاراردا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن شىركەت خادىملىرىغا ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋىزا بەرمەسلىك، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكادىن مال سېتىۋېلىشى ياكى مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادا سېتىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارمۇ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۆتكەن ھەپتە يەنە ئامېرىكانىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 8-ئۆكتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەكىتلىگەن. ئاقساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو 9-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا «فوكس» تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ 28 مۇئەسسەسىگە قارىتا چىقىرىلغان جازا تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

9-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە ھازىرقى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن بىرى بولغان جو بايدىن نۇتقىدا ترامپنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. جو بايدىن شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدىكى غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنى ‹قايتا تەربىيە› لاگېرلىرىغا سولاۋاتقان، خوڭكوڭدا نامايىشچىلار زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۇۋالغانلىقى» نى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن يۇقىرى تېخنىكالىق شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قاتتىق باستۇرۇلۇشلارغا قارىتا جىددىي ئىنكاسلاردا بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.

9-ئۆكتەبىردىن باشلاپ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىنكاسلىرىغا قارىتا نارازىلىق باياناتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ مەخسۇس ئوبزور ۋە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنى ئاقلىدى. خىتاي باياناتىدا يەنە ئامېرىكانى «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى،» دەپ زارلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باش ماقالىسىدە ئامېرىكادىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئەيىبلىشى ۋە خىتايغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىش تەشەببۇسلىرىغا قارىتا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى نەسىھەت قىلىمىز. شۇنى ئېنىق تەكىتلەيمىزكى، جۇڭگو مۆرىتى كەلسە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.»

«خەلق گېزىتى» ئېلان قىلغان باش ماقالىدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قارارىنىڭ «ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان زومىگەرلىك قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن «شاڭخەي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» نىڭ باشلىقى خې ئەنشۈن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى زور بىر ئەمەلىي تەدبىر بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ تەدبىرى ئىككى نۇقتىغا قارىتىلغان. ئۇنىڭ بىرى ھازىر ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر قىسىم شىركەت ۋە كارخانىلىرىغا سودا ئېمبارگوسى قويۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەت ئامېرىكا سودا شىركەتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ئىككىنچى تەرەپتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج. خ. نازارىتى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ج. خ. ئىدارىسى دېگەندەك ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرى ۋە ئېتنىك مەۋجۇتلۇقىغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىۋاتىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بۇنىڭغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. چۈنكى ئامېرىكانىڭ بۇ قارارى بىر تەرەپتىن خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىكى كەسكىن زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان لاگېرلار ۋە بۇ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىگە بولغان جىددىي ئىنكاسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنى قامىغان جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاتماقتا. شۇڭا بۇ ئىككى نۇقتىغا نىسبەتەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھازىر ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتىدۇ شۇنداقلا ئەندىشىلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. ئەنە شۇ ۋەجىدىن ئۇلاردا نارازىلىق ئىنكاسى مۇشۇنداق كۈچلۈك بولدى.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن شىركەتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ قارا تىزىملىككە ئېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ قاتتىق نارازى قىلغان نۇقتىلار ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە رايوندىكى بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىدىن باشقا يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ توختالدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 9-ئۆكتەبىردىكى نارازىلىق باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا ئامېرىكا تەرەپ ئېيتقاندەك ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، ئەكسىچە بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا،» دېگەن.

خې ئەنشۈن ئەپەندى خىتاينىڭ يۇقىرىقى باياناتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ‹تېررورلۇققا زەربە بېرىش› دېگەن سۆزى خەلقئارادا ‹خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى باستۇرۇشتا ۋاسىتە قىلىنىۋاتقان يالغانچىلىقى› دەپ شەرھلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالغۇنى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي خەلقىنى ئالداش ئۈچۈنمۇ قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ھوقۇقى خەلقئارالىق قانۇنىي ھوقۇقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇقۇمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ يوللۇق بولغان مۇستەقىللىق تەلەپلىرىگە قارا سۈرتۈشنى مەقسەت قىلغان.»

خې ئەنشۈن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرى سەۋەبلىك چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ پەقەتلا خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ھەتتا مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خې ئەنشۈن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ھازىر چەتئەللەردىكى بەزى خىتاي دېموكراتلىرى خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلسىلا جۇڭگودا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتەرمىش. ئۇلار كومپارتىيە ئاغدۇرۇلسا ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا مىللەتلەر ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ دېيىشمەكتە. ئۇلار ھازىر ئۇيغۇرلار بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى رەت قىلىشتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە تۇتۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلار بىزگە باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خىتاي خەلقى ئىچىدە، ھەرقايسى ئۆلكىلەردە كومپارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، مۇستەقىل بولۇش تەلەپلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بۇ يۈزلىنىش خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئەندىشىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكتە.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت