ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا رايونىدىكى شىمالى سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان سىرلىق بىر قۇرۇلۇش بار. «ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېساپلاش مەركىزى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دىگىتال تەقىبلەش مەركىزى بولۇپ، ئۇ خىتانىڭ چوڭ تۇتقۇنى ئەۋجىگە چىققان 2017-يىلى 8-ئايدا رەسمى ئىشقا كىرىشكەن. دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېرلار ئورۇنلاشقان بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاي مەتبۇئاتى ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭىسى» دەپ تەرىپلەپ كەلگەن.
ئۇنىڭدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ بىر كۈندە كۆرۈدىغان كۆزىتىش كامېرا سۈرەتلىرى بىر ئادەمنىڭ بىر يىلدا كۆرىدىغانلىرىدىنمۇ كۆپ بولۇپ، بۇ ئورۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە قۇرۇپ چىققان رايوندىكى ساقچى نازارەت سىستېمىسىنىڭ ھالقىلىق پارچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. دائىرىلەر بۇ ئورۇندىكى كومپيۇتېرلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ چىرايى، روھى ھالەتلىرى تەقىپ قىلىپ، ئاپتوموبىللارنى ئىز قوغلاپ كەلگەن. تېلېفون، ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساپلىرىنى كۆزىتىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ۋە ھەركىتىنى كونترول قىلىپ كەلگەن ئىدى.
«ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېساپلاش مەركىزى» قانداق قىلىپ دۇنيادىكى «ئەڭ كۈچلۈك» كومپيۇتېرلارغا ئىگە نازارەت ئورنىغا ئايلاندى؟ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 22-نويابىر «ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېساپلاش مەركىزى» دىكى كومپيۇتېرلارنڭ ئۆزەكلىرىنى ئامېرىكادىكى ئىككى شىركەت تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كومپيۇتېرلارغا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى ئاشكارلىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنى بۇ ئۆزەكلەر بىلەن ئامېرىكادىكى «ئىنتېل»، «نىۋىدىيا» ناملىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى شىركەت تەمىنلىگەن ئىكەن.
«ئىنتېل» بىلەن «نىۋىدىيا» بۇ ئۆزەكلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبلىك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي شىركەتلىرىگە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا تېخنولوگىيەلەرنى سېتىشنى چەكلەشنىڭ ئالدىدا ساتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە سۇئال قويغان. بۇ خەۋەر كەلگۈسىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىمبارگودا چىڭ تۇرامدۇ-يوق، دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار كەلگۈسى ھۆكۈمەتنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى كونكېرت تەدبىر ۋە بۇيرۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسارى نۇرى تۈركەل 24-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئامېرىكا پرېزىدېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مەسلىھەت بېرىدىغان ئورگان بولۇش سۈپىتىمىزدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ داۋام قىلىشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان كونكىرېت تەدبىرلىرىنى، بۇيرۇقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىققا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى نىشانلىق ئىمبارگو بىلەن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئىمبارگو قارارلىرىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىمىز.»
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، كەلگۈسى ھۆكۈمەتكە خىتايدىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى بولۇۋاتقان كارخانىلارغا يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللارنى سېتىشنى چەكلەش مەسلىھەتى بېرىلمەكتە ئىكەن.
نۇرى تۇركەل مۇنداق دېدى: «بۇ تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مەسىلىنىڭ نېگىز بولۇۋاتقان شىركەتلەر بىلەن يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال جەھەتلەردە ئوخشىمىغان غەيرى شەكىلدە مۇناسىۋىتى بار. مەسىلەن، خىتايلار ئىمبارگو قويۇلغان شېركەتلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە قويۇپ قويۇپ، باشقا ئىسىم بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئۈنۈمسىزلىك ئەھۋالى بار. بۇنى ئامېرىكادىكى شىركەتلەر تېخنىكا جەھەتتىكى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللارنى كېسىش ئارقىلىق خىتايلارنىڭ قىلمىشىنى چەكلەش مۇمكىن، دېگەن مەسلىھەتلەر بېرىلىۋاتىدۇ.»
شۇ مۇناسۋەت بىلەن بىز 24-نويابىر «نىۋىدىيا» ۋە «ئىنتېل» شىركەتلىرىگە ئۇلارنىڭ خىتايغا تېخنىكا ساتقاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىش، باستۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋەرى بار-يوقلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى سودا ئالاقىسىنى سوراپ تېلېفون قىلدۇق. «ئىنتېل» شىركىتىدىكىلەر تېلېفونىمىزنى ئالمىدى، لېكىن «نىۋىدىيا» شېركىتى بۇنىڭدىن خەۋىرى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
«نىۋىدىيا» نىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى لىز ئارشىبالدنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا: «ياق، بىز ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز ئىجتىمائىي نۇقتىدىن پايدىلىق ئىشلارغا قوللىنىشنى مەقسەد قىلغان. بىز ئۇنىڭ خاتا ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز،» دېيىلگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇلار خىتاينىڭ شۇگۇاڭ شىركىتى بىلەن بولغان سودىسىغا مۇساپە قويغان.
مەزكۇر شىركەت بۇ ھەقتىكى سوئاللىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكا قانۇنلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىمىز. شۇگۇاڭ شىركىتى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىكىگە ئېلىنغاندىن بېرى بىزنىڭ مۇھىم خېرىدارىمىز بولۇشتىن قالدى.» ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار «ئومۇمىي مەقسەتتىكى گرافىك بىر تەرەپ قىلىش پروگراممىلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىدا قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى نازارەت قىلالمايدىكەن.»
لېكىن نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتىكى بۇ ئەھۋال يېڭى ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭغا ھازىرقى مەۋجۇت قانۇن ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەر يېتىشەمەي قالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا كاپىتالىستىك بازار ئىقتىسادى بولغانلىقى ئۈچۈن شىركەتلەرگە بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق پرىنسىپى يوق. پەقەت شىركەتلەرگە تەۋسىيەدە بولىدۇ. لېكىن مەۋجۇت قانۇنلار سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى تەمىنلىيەلمەيۋاتىدۇ. چۇنكى، دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە مىسلى كۆرۈلۇپ باقمىغان، ئىنسانىيەت ھازىر بولمىغان مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن، مەۋجۇت قانۇن ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەر يېتىشمەيۋاتىدۇ.»
شۇگۇاڭ شىركىتى «ئۈرۈمچى بۇلۇت ھېساپلاش مەركىزى» نى قۇرۇپ چىققان خىتاي يۇقىرى تېخنىكا كارخانىسى بولۇپ، ئۇ 2019-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى تەكىتلەنگەن. لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇگۇاڭ شىركىتى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى 12 ئاي مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرى «ئىنتېل» نىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆزەكلىرىدە ئىجرا قىلىنىدىغان رەسمىيەت ۋە نازارەت پروگرامىلىرىنى داۋاملىق سېتىۋالغان ئىكەن.
خەۋەردە بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ۋە قاراشەھەر ناھىيەلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ، بۇ يىل 4-ئايدا قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك «ئىنتېل» ئۆزەكلىرىدە ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ خىل پروگراممىلارنى سېتىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.