خىتاي ھۆكۈمىتى كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە بىر مەيدان تەشۋىقات ئويۇنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تېببىي خادىملار ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇرماقتا. 2020-يىلى 17-مارت، بېيجىڭ.
تېببىي خادىملار ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن تەييار بولۇپ تۇرماقتا. 2020-يىلى 17-مارت، بېيجىڭ.
AP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەندە بايقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنى دەسلەپتە خەلق ئاممىسىدىن يوشۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى ۋە نەتىجىدە دۇنيا مىقياسىدىكى يۈزدىن ئوشۇق دۆلەتكە تارقىلىپ، زور پالاكەتكە يول ئاچقانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ توغرىلىق جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات قاناللىرى بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسنى كونترول قىلىشتا دۇنياغا ئۈلگە بولغانلىقى، خىتاينىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئەمدىلىكتە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدەك خەۋەرلەرنى كۆپلەپ تارقىتىشقا باشلىدى.

ھەرقايسىي تاراتقۇلاردا بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىپ كەڭ يېيىلىشقا باشلىغان بۇنداق تەشۋىقاتلار كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ خەۋەر قاناللىرىنىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابلىرىدىن تارقىتىلغان مىڭلارچە ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئانالىز قىلىپ چىققان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بايقىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلارچە دوللار مەبلەغ سېلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىدە ئاساسلىق 3 خىل مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى، خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە كۆپلەپ ئىجابىي خەۋەرلەرنى تارقىتىش بولغان. مەسىلەن، تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە كېسەللەرنىڭ پاكىز مۇھىتلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى، خاتىرجەم كۈتۈنىۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر، كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىلاردىن ساقىيىپ چىقىۋاتقانلىقى، دوختۇرلار كېسەللەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ، گىمناستىكا ئويناۋاتقانغا ئوخشاش ئىجابىي كۆرۈنۈشلەر كۆپلەپ تارقىتىلغان. ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئوبرازىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان تەشۋىقاتلار بولغان. بۇنىڭدا ئۇلار ھەدەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدا ئورۇن ئالغانلىقى، مەردانىلەرچە باشقا دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدەك بىر ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن. ئۇلار بۇنىڭدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن ياردەم بۇيۇملىرىنى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا ئەۋەتىۋاتقانلىقى، خىتاي مىلياردېر جەك مانىڭ ئىئانە قىلغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان. ئۈچىنچى خىل مەزمۇن بولسا، تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى، يەنى خىتاي ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى رەت قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر قالايمىقانچىلىقى ياراتقان. ھەتتا ئۇنى ئامېرىكانىڭ ئەسكەرلىرىگە دۆڭگەشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مەقسەت خەلقئارا ئالدىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىش ئىكەن.

خىتاينىڭ يۇقىرىقى بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە تۆھمەت قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا نوتا تاپشۇرغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو باشلىق دۆلەت رەھبەرلىرى خىتاينىڭ بۇ تۆھمىتىگە جاۋابەن شۇندىن كېيىنكى بايانلىرىدا تاجسىمان ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشنى باشلىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن 18-مارت كۈنى «خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇس تەشۋىقاتى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ پەيدا قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە خىتاينىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكا ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ «خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ خەتەرلىك بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار ۋىرۇس ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى باستۇرۇش ئارقىلىق ۋىرۇسنى ھەددىدىن زىيادە كۆپەيتىپ، دۇنياۋى تارقىلىشچان كېسەلگە ئايلاندۇردى، ئۇلار خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قۇتۇلماقچى بولۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇلار خىتايدىكى يادرولۇق مەسىلە بولغان ئوچۇق-ئاشكارىلىقتىن يەنى-ئۆز خەلقىنى ۋە بىزنى بىخەتەر قىلىدىغان ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشتىن ئۆزىنى ئەپ قاچماقچى،» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي مىليونلارچە مەبلەغ سېلىپ، ئۆزىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتكلارنى كەڭ بازارغا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمدى ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلمەيدىكەن.

دەرۋەقە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئەركىن ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىققا تارتىش، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە دۇنيانىڭ يەنە بىر قېتىم ۋىرۇس پالاكىتىگە يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ئەركىن ئاخباراتنىڭ قامال قىلغۇچىسى بولغان خىتاي كومپارتىيەسىگە خاتىمە بېرىشتەك چاقىرىقلار كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت