قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-04-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاق تېببىي خادىملار ئالمۇتا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئۇكرائىنادىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ كورونا ۋىرۇس ئالامەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 27-مارت، ئالمۇتا.
قازاق تېببىي خادىملار ئالمۇتا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئۇكرائىنادىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ كورونا ۋىرۇس ئالامەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 27-مارت، ئالمۇتا.
AP

مەلۇمكى، ھازىر كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ھەم شۇ جەھەتتە پەيدا بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت نەزىرىدە بولۇۋاتماقتا. مانا شۇنداق بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ئەللەردە پەيدا بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن بىر قاتاردا مىللىي داۋانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن، باشقا مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قان-قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

«قىرغىزىستان 24» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 1-ئاپرېلغا قەدەر قىرغىزىستاندا 107 ئادەم كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇملانغانلار ئاساسەن ئەلنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئىكەن.

«ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، پەلسەپە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ئەكپەرجان باۋۇدۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ھازىر كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەلدىكى باشقا خەلقلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇرلارمۇ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قىرغىزىستاندا خەلق ھەممىسى ئەنسىزچىلىكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى بويىچە بىز تالاغىمۇ چىقمايۋاتىمىز. مەكتەپلەرمۇ، خىزمەتلەرمۇ تاقالدى. ئۇيغۇرىستان ھەرىكىتى ھازىر نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ھەممە ئۆيىدە ئولتۇرغانلىقتىن بۇ ئىشتىنمۇ ئەنسىرەۋاتىمىز. ھازىر قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆيدە ئولتۇرۇش.»

ئەكپەرجان باۋۇدۇنوف ھازىر، بىرىنچى نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرىجەملىكىنى تەمىنلەشنىڭ ھاجەتلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى ئويلاشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسى بىۋاسىتە خىتايدىن چىققان كېسەل بولۇپ، ئۇ ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر داۋاسىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كېسەل ئۇيغۇر مەسىلىسى، خوڭكوڭ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى مەسىلىسى بويىچە خىتايغا پايدىلىق. سەۋەبى خىتاي بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ ۋاقىتلىق. ئۇيغۇر مەسىلىسى بەرىبىر مەۋجۇت بولۇۋاتىدۇ ھەم مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ كېسەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا قۇلايلىق بىر باھانە بولۇۋاتىدۇ. ھازىر خىتاي ئىقتىسادنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك دەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا خىتايلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.»

رەھىم ھاپىزوف ھازىر قىرغىزىستانلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ ئەنە شۇ سىياسىتىنىڭ قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىم ھاپىزوف شۇنىڭغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ، ئۆز خەلقىگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي پۈتكۈل دۇنيا خەلقلىرىنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇش تىرىكچىلىكىگە، مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتكە سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر قازاقىستاندا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 375كە يەتكەن. ئۇلار بولۇپمۇ مەملىكەت پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە ۋە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا شەھىرىدە بولماقتا. ھازىر قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ يەنىمۇ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتكۈل ئەلدە قاتتىق چارىلەرنى كۆرمەكتە.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى خىتايدىن دۇنياغا تارالغان كورونا ۋىرۇسىغا قارشى نۇرغۇن مەملىكەتلەردە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىمۇ كەسكىن چارە-تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۇيغۇر ئاممىسىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئازاب چېكىۋاتقان خەلقىمىز خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچراۋاتقاندۇ دېگەن ۋەھىمە كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە. بۇنىڭغا ۋەتىنىمىزدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھەر خىل يالغانچىلىق ۋە ھىيلە-نەيرەڭلەر بىلەن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەب بولماقتا.»

رىزا سەمەدىنىڭ دېيىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ خىتاي ۋىرۇسىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى ئاللادىن تىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز قان-قېرىنداشلىرىنىڭ ئەرك-ئازادلىققا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتىكەن.

ئالمۇتا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتايدىن كېلىپ چىققان كورونا ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەتەن داۋاسىغىمۇ ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتىكەن. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەر قانداق پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي توختاتقان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى بارىن ۋەقەسىگە بېغىشلاپ ئۆتكۈزىدىغان خاتىرىلەش كۈنىمىزنىمۇ ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇق. خەلق ئارىسىدىكى تەشۋىقات ئىشلىرىمىز توختاپ قالدى. ۋەتىنىمىزدىكى خەلقنىڭ تەقدىرى بىزنى ئىنتايىن چوڭ ئەندىشىگە سالماقتا. ئەپسۇس، بۇنىڭغا ياردەم بېرىش قولىمىزدىن كەلمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا كورونا ۋىرۇسى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ، ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋەتەنداشلىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە، ئۆز ئارا بىرلىك سەپنى ساقلاپ قېلىشقا چاقىردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ بىرى، ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ياش پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى گۈلىستان ئامرايېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى بىزگە چوڭ تەسىرىنى يەتكۈزدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى توختاپ قالدى. خىتاي ۋىرۇسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلدى. چۈنكى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلاردا سەۋەبسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پەيتتە بۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى شۇ لاگېرلارغا كىرىپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشە بىزدە ئىنتايىن كۈچلۈك.»

گۈلىستان ئامرايېۋا يەنە خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ھەرتەرەپلىمە توسالغۇ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرەشنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت