خىتاي " تىنچلىق تەرەققىيات يولى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

2005-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭ دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى "جۇڭگونىڭ تىنچلىق تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتاب" ئىنى ئېلان قىلىپ، "بۇ كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

ئاق تاشلىق كىتابتا "جۇڭگو دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، ئوخشاشلا دۇنيامۇ روناق تېپىش ئۈچۈن جۇڭگوغا مۇھتاج بولىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى، ھەربىي، ئىقتىسادىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەدىلىيە - قانۇن قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە بەزى نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا گەرچە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۈس قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تەيۋەنگە قورال ئىشلەتمەسلىك ۋە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى شۇنىڭدەك سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىك توغرىلىق ھېچنەرسە دېيىلمىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ياخشىلىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئىزچىل تۈردە كىشىلىك ھوقۇق شۇنىڭدەك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت