دالاي لاما ياپونىيىگە قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى

2007-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىۋەتتى. دالاي لاما ياپونىيىدە ئوچۇق نۇتۇق سۆزلىگەندىن سىرت، ياپونىيىنىڭ غەربىدىكى قەدىمىي سەيلىگاھىدا زىيارەتتە بولۇش شۇنىڭدەك توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دالاي لامانىڭ ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماسلىقىنى شەرت قىلغان. دالاي لامانىڭ يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە، كانادا ۋە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىتايدىن ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقان تىبەت ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ۋەكىللىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىر دۆلەتتە تەڭلا ۋاقىتتا زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىم بىر قانچە ئاي ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۇچراشقان ئىدى.

خىتاي 1950 ‏- يىلىدىن بۇيان تىبەتنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىش بىلەن بىرگە، دالاي لامانى تىبەتنىڭ مۈستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان " بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە .

بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە يول قويغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت