خىتايدىكى بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 27 كىشى ئۆلدى

2006-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈەنپىڭ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 كىشى قازا قىلدى. شۇنداقلا ھازىرغىچە يەنە بىر قانچە كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى تېپىلمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پارتلاش شۈەنگاڭ كۆمۈر-ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر دوختۇرخانىسىدىكى يەر ئاستى ماشىنا زالىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش سەۋەبىدىن بۇ يەردىن 1 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغان جايلاردىكى قۇرۇلۇشلار مەلۇم دەرىجىدە ۋەيران بولغان. بولۇپمۇ دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى 5 قەۋەتلىك ئائىلىلىكلەر بىناسى بىر قەدەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ھازىرغىچە بۇ پارتلاشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تېخىچە ئايدىڭلاشمىغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالىنىڭ يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پارتلاش ۋە ئوت كېتىش ھادىسلىرى بىر قەدەر كۆپ يۈز بەرمەكتە. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا جىلىن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بىر ئوت كېتىش ۋەقەسىدىمۇ دوختۇرخانىدىكى 39 نەپەر بىمار قازا قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت