چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى

2004-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارادىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 11 نەپەر فالۈنگۇڭ مۇرىتىنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغان فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىلەردە فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى قىيىن- قىستاققا ئالغان سۈرەتلەرنى ئىنتېرنېتتە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىل 12 - ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مياۋ يۈئەنخۇئا ئىسىملىك بىر فالۈنگۇڭ مۇرىتى ئۆزىنىڭ تۆت يىل تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىيىن- قىستاقلىرىنى قايتا گەۋدىلەندۈرىدىغان سۈرەتلەرنى تور بېتىدە تارقاتقان.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى جۇلىيەن پەن باياناتىدا، "بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىدە تارتقان ئازاپ - ئوقۇبەتلىرىنى ئىنتېرنېت تور بېتى ئارقىلىق ئاممىغا ئاشكارىلىغان بۇ كىشىلەرنى قولغا ئالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىمىز. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى" دىدى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ تەنقىدىنى رەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1999 - يىلى فالۈنگۇڭ تەرىقاتىنى خۇراپاتچىلىق دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنى چەكلىگەن. شۇندىن كىيىن خىتاي دائىرىلىرى نەچچە مىڭلىغان فالۈنگۇڭ مۇرىتلىرىنى قولغا ئېلىپ تۇتقۇن قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت