پرېزىدېنت بۇش خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەت تېمىلىرى ھەققىدە توختالدى

2006-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سودا، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىك، تىبەت مەسىلىسى، خىتاي بازىرىنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جىنتاۋ 20 - ئاپرىل كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچرىشىدۇ. پرېزىدېنت بۇش يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيىدا سۆز قىلىپ، خۇ جىنتاۋغا سودىدا ئادىل بولۇش، ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ھۆرمەت مەسىلىسىنى تەكىتلەيمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، خىتاينى سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى تېخىمۇ كەڭ قويىۋىتىشكە چاقىرىدىغانلىقىنى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ" ئەركىن بازاردىن قورقمىغانغا ئوخشاش ئەركىن جەمئىيەتتىنمۇ قورقماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما ۋە رىم ۋاتىكانىنىڭ خىتايدىكى كاتولىك مۇرىتلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆزلىشىدىكەن. بۇش، سودا، ئىقتىساد مەسىلىسىدە خىتاي رەھبىرىگە بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خىتاي يېزا ئىگىلىك بازىرىنى ۋە خىتاي مۇلازىمەت بازىرىنى ئېچىۋېتىشكە ئۈندەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " بىز جۇڭگونىڭ ئامېرىكا سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىمىز. بىز ھۆكۈمەتنىڭ سانائەت كارخانىلىرىغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشىنى ئادىل رىقابەت بىلەن تەمىنلىگەنلىك، دەپ قارىمايمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت