خۇ جىنتاۋ گېنېراللارنى ئۆستۈردى

2006-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خۇ جىنتاۋ جاڭ زېمىننىڭ قولىدىكى ھەربىي ھوقۇقنى تاپشۇرۇۋېلىپ، خىتاي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەندىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 10 نەپەر ئادەمگە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋانى- گېنېرال پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانى بەردى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ ھەربىي ئۇنۋان بېرىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللارنى ئۆزى بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان ھەم گۇۋاھنامىنى تاپشۇرغان.

ھازىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 164 نەپەر گېنېرال پولكوۋنىكى بار بولۇپ، 1988-يىلى ھەربىي ئۇنۋان بېرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار ئۈچ دەرىجىگە يەنى گەنەرال پوكوۋنىك، گېنېرال لېيتىنانت ۋە گېنېرال مايورغا بۆلۈنگەن شۇنىڭدەك گېنېرال پولكوۋنىكلار بىرىنچى دەرىجىلىك گېنېرال پولكوۋنىك ھەم گېنېرال پولكوۋنىك دەپ ئايرىلغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خىتاي ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم 1955-يىلى ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ماۋ زېدۇڭ 10 ئادەمگە مارشاللىق، 10 ئادەمگە گەنەرال ئارمىيە ئۇنۋانىنى بەرگەن ئىدى. ئەنە شۇ چاغدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكلىرىدىن زۇنۇن تېيىپوپ، مەمەت ئىمىن ئىمىنوپ، مايور زاھىر ساۋدانوپ، پولكوۋنىك مەرغۇپ ئىسھاقوپ قاتارلىقلارغا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى، ھەربىي ئىشتىن خەۋىرى يوق دەپ قارالغان سەيفىددىن ئەزىزگە ئۇلاردىن بىر دەرىجە يۇقىرى گېنېرال لېيتىناتلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.

يېقىنقى يىللاردا يەنە قۇربان ئەرشىدىن قاتارلىق بىر قانچە ئۇيغۇرغا تۆۋەن دەرىجىلىك گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر گېنېراللىرى خىتاي ئارمىيىسىدە پەقەت، دىۋىزىيە كوماندىرى ھەم مۇئاۋىن قوماندانلىق ۋە مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاقتۇرغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت