خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تىزلىكتە ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى

2008-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى، مەزكۈر تەشكىلات ئەزالىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتونغا يىغىلىپ، خىتايدىن بۇ يىل 8 ‏- ئايدا بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكلىرىنى قەتئىي توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ ، 2 ‏- ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلىپ، ئولىمپىك باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت پىلانىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئاخبارات باياناتىدا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا مەجبۇر قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەشەببۇسى، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتاي ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كۈندىن ئېتىبارەن، خەلقئارادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت