بېيجىڭ پېنتاگوننىڭ دوكلاتىدىكى "خىتاي يوشۇرۇن تەھدىت" قارىشىنى رەت قىلدى

2006-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن "يوشۇرۇن تەھدىت " دەپ قارىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ۋاشىنگتوننى ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنى خاتا يولغا يىتەكلەش بىلەن تەنقىد قىلدى.

بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پېنتاگون بېيجىڭنىڭ ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىۋاتقانلىقى ۋە چېگرا رايونلاردا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كۇڭ چۈەن، ئامېرىكا تەرەپنىڭ دوكلاتىنى "جۇڭگونىڭ نورمال دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتى ھەققىدە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەردە بولدى. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىپ، جۇڭگو ھەربىي تەھدىت نەزىرىيىسى ئارقىلىق جامائەت پىكىرىنى خاتا يولغا يىتەكلىمەكتە " دەپ تەنقىدلىدى. كوڭ چۈەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئامېرىكا تەرەپكە بېيجىڭنىڭ دوكلاتتىن تۇيغان بىئاراملىقىنى " كەسكىن تۈردە ئۇقتۇرغان " ئەمما ئۇ، مۇخبىرلارغا بۇنىڭ تەپسىلى دىتاللىرىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ، " بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلايدىغان مۇھىم كۈچ. بىز ھېچ بىر ۋاقىتتا تەھدىت بولمىدۇق، بولمايۋاتىمىز ۋە بولمايمىز " دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، "جۇڭگو چوڭ دۆلەت ۋە يېڭى باش كۆتۈرۈۋاتقان كۈچ بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رىقابەتچىسى بولۇپ قالماقتا. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يوقىتىش خاراكتېرلىك ھەربىي تېخنىكىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ زور دۆلەتتۇر " دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

پرېزىدېنت جورجى بۇش، بۇ يىلقى ئامېرىكا ھەربىي خام چوتىنى 439 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلار 2 يېرىم مىليون كىشىلىك ھەربىي قوشۇنىنى زامانىيۋىلاشتۇرۇش يولىدا ھەربىي خام چوتىنى يىلدىن يىلغا كۆپەيتمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 30 مىليارد دوللار ئەتراپىدا،دەپ ئېلان قىلسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانى 90 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت