خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە يەنە ئاگاھلاندۇردى

2005-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، تىنچلىقنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەيۋەننى مۇستەقىللىق ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا يەنە ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۋاڭچۈن خىتاي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا "خىتاي ھەربىي ئىستراتېگىيىسى تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان بىر ئىستراتېگىيىدىن ئىبارەت " دېگەن.

لېكىن، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى ناھايىتى تىز تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش پائالىيەتلىرى مۇشۇنداق داۋام قىلسا، بۇ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىد بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەنە بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىر خىتاي گېنىرالىنىڭ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھەربىي توقۇنۇشقا ئارىلاشسا، خىتاي ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورال ئىشلىتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇشى، ئامېرىكىدا خىتاينىڭ ھەربىي مەقسەتلىرى توغرىسىدا جىددىي مۇنازىرىلەر نىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت