ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

2006-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلىرى ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتىغا نىسبەتەن قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۈر دوكلاتتا خىتاينىڭ نۆۋەتتە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى ۋاشىنگتون ھەمدە ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 25 ‏- ماي كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋنىڭ ئېيتىشىچە، دوكلاتتا جۇڭگونىڭ ھەربى كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ئاشۇرىۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ پەقەت ۋاشىنگتوننىڭ " سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۈرى" دىن ئىبارەت ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ باياناتچىسى يەنە "ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكىي سىياسىتىگە ئارىلىشىش بىلەن بىرگە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان كەلتۈردى" دېدى.

ئامېرىكا تەرەپتىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىيىسىنى كۈچەيتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىدىكى مەقسىدىنىڭ نوقۇل تەيۋەنگىلا قارىتىلغان ئەمەسلىكىنى، خىتاي ئىزچىل تۈردە ئەگەر تەيۋەن مۈستەقىللىق ئېلان قىلسا، چوقۇم ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن .

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۈر يىللىق دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنى كۆپەيتكەنلىكى يەنى مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا ئەسلىدىكى 710 دىن 790 گە يەتكۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت