ئولىمپىكنىڭ مەسئۇل خادىملىرى خىتايدا يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىشنىڭ خەتىرى يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى

2007-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30 ‏- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بېيجىڭ شەھىرىدىكى تاماق بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، جۈمە كۈنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئولىمپىك يىغىنىدا بۇلغانغان يېمەكلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتايدا ھەر يىلى 300 مىليون ئادەم يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىدىكەن.

بېيجىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل خادىمى تاڭ يۈنخۋا مۇنداق دەيدۇ: "خەتىرى يەنىلا بار، لېكىن بىزنىڭ خىزمىتىمىز بۇ خەتەرنى كېمەيتىش. بىز بۇنى ئولىمپىك ئۈچۈن قىلىۋاتىمىز".

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تەنھەرىكەتچىلەرگە تاماق تەييارلايدىغان ئاشخانا، ئاشخانا ئامبارلىرىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جايلارنىڭ سىرتىدا تاماقلانغاندا زەھەرلىنىپ قىلىش خەتىرى يەنىلا چوڭ ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ئۆستۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار تەركىبىدە زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋىي ئوغۇتنىڭ قالدۇقلىرى ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنى سەمىرىتىدىغان ۋە زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان چەكلەنگەن ھورمونلار بار ئىكەن.

ئۆتكەن سېنتەبىردە 336 ئادەم بۇ خىل ھورمون تەركىبى بار گۆشنى يەپ ئاغرىغان ۋە بېيجىڭدىكى بىر رېستوراندا تاماقلانغان 90 ئادەم پارازىت قۇرۇتلار بىلەن بوردالغان قۇلۇلىنى يەپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قىلىشقان ئىدى. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت