خىتاي ئولىمپىك ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش بېسىمىغا ئىزچىل دۇچ كەلمەكتە

2008-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 قېتىم ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، گوللاندىيە سۇ ئۈزۈش ماھىرى خوكېنبېند پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاككۇز روگىنىڭ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىشىنى تەشەببۈس قىلدى.

مەزكۈر سۇ ئۈزۈش ماھىرى سۆزىدە، روگى ئەپەندى پۈتكۈل تەنتەربىيىچىلەرگە ۋاكالىتەن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشى توغرىسىدا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى كېلىنا خانىم، خىتاينىڭ 2001 ‏- يىلى ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى شەرتلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھازىر دەل شۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ": بىز يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۇنياغا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى كۆرسىتىشىنى خالايمىز، بىراق بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، بىز ھېچقانداق ئىلگىرىلەشنى كۆرمىدۇق."

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشتا ئولىمپىكقا بەرگەن ۋەدىسى توغرىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، خىتاي ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتمەسلىكنى، چۈنكى بۇ ئولىمپىك روھى ۋە پرىنسىپىغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئولىمپىك قائىدىسىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئاران 5 ئاي ۋاقىت قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەنھەرىكەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش شۇنىڭدەك 20 مىڭغا يېقىن چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش خىزمەتلىرى ئىشلەنمەكتە. (ئەقىدە)‏

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت