ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى

2008-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24 - مارت دۈشەنبە كۈنى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2008 - يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى ۋە تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، باش شتابى پارىژغا جايلاشقان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرى مۇراسىم مەيدانىدا نامايىش ئېلىپ بارغان ھەمدە بېيجىڭ ئولىمپىكىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ چى سۆزگە چىققاندا، ئولىمپىك ھالقىسىنىڭ ئورنىغا قولغا سالىدىغان كويزىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قارا رەڭلىك بايراقنى كۆرسىتىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا "ئەگەر ئولىمپىك مەشئىلى مۇقەددەس دەپ قارالسا، كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەس، بىز خىتاي ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان كەسكىن كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەيىبلىمەي تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ مەشئەلگە ئېرىشىشىگە يول قويالمايمىز" دېگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزىنى قىزىل بويىۋالغان بىر تىبەت ئايال مەشئەلنى كۆتۈرۈپ ماڭغان تەنھەرىكەتچىنىڭ ئالدىدا يېتىۋالغان بولۇپ، باشقا نامايىشچىلار "تىبەتكە مۇستەقىللىق"، "شەرمەندە خىتاي ھۆكۈمىتى" دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، گرېتسىيە ساقچىلىرى بۇ نامايىشچىلارنىڭ ئىككىسىنى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ 3 ئەزاسىنى تۇتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈنۈش بېرىلگەندە، مەزكۇر نامايىش يۈز بەرگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى كېسىپ چىقىرىۋېتىلگەن ئىكەن. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت