خىتاي ئۇچقۇچىسى ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلدى

2006-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي شەرق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇشقۇچىسى يۈئەن شېڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلدى.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شاڭخەيدىن، ئامېرىكىنىڭ لوس ‏- ئانجىلىس ئايدۇرۇمىغا يولۇچى ئېلىپ كەلگەن ئۇچقۇچى يۈئەن شېڭ، چارشەنبە كۈنى ، سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ فالونگۇڭ تەرىقىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئەگەر خىتايغا قايتىپ بارسا قولغا ئېلىنىپ، جازالىنىدىكەن.

يۈئەن شېڭ سۆزىدە يەنە، شاڭخەيدىن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ئايدۇرۇمىدىكى بىر بىخەتەرلىك خادىمىغا فالۇنگوڭ ئەزالىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى، مەزكۇر بىخەتەرلىك خادىمى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇزۇندىن بۇيان فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ ھەرىكتىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك بەرگەن.

بىراق كۈزەتكۈچىلەر، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ مەزكۇر سىياسىتىدىن پايدىلانغان فالۇنگۇڭ ئەزاسى بولمىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەر خىل قانۇنسىز يوللاردىن پايدىلىنىپ، چەتئەللەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى فالۇنگۇڭ دەپ كۆرسىتىپ، شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت