خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2004-09-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى يەر زېمىن ئىچىش قۇرۇلۇشلىرى جەريانىدا، زوراۋانلىق بىلەن پۇقرالارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىش باشلىقى جاڭ كېن چارشەنبە كۈنى "دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ئىگىلەش ۋە ئۆيلەرنى چېقىش جەريانىدا، ئۆز ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، پۇقرالارنىڭ مال مۈلكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزگەن ئەمەلدارلار چوقۇم قاتتىق جازالىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، "مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىك پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە زوراۋانلىق بىلەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئايدا ھەتتا قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتى ئۆيىدىن كۆچۈشكە ئۇنىمىغان بىر قېرى كىشىنى، ئۆيىنى مەجبۇرىي ئۆرۈش جەريانىدا بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشتەك ۋەقەنى چىقارغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش جەريانىدا زوراۋانلىق ئىشلەتكەن ئەمەلدارلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلارنى تۇتۇپ باستۇرماقتا. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت