جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغان "قۇل ئىشچىلار" نىڭ سانى 53 مىڭغا يەتكەن

2007-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى قۇللۇققا تۇتۇلۇش سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، كۆمۈركان ۋە خۇمدانلاردىن قۇتۇلدۇرۇلغان جىسمانىي خورلۇققا ئۇچرىغان "قۇل ئىشچىلار" نىڭ سانى 53 مىڭغا يەتكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فەن دۈيشياڭ ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ 3 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت ‏- زاۋۇتلارنىڭ ئىككى مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ قانۇنىي رەسمىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ 53 مىڭ نەپەر ئاققۇن ئىشچىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى خىتايدىكى "قۇل ئىشچىلار" سەتچىلىكىنىڭ قايتا يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر قانۇن لايىھىسى ماقۇللايدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ئاۋازلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، "قۇل ئىشچىلار" سەتچىلىكىگە سودا-سانائەت، ئەمگەك ۋە ساقچى تارماقلىرىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار چېتىلىپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، خېنەن ئۆلكىسىدە ئەمگەك يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 ئادەم "قۇللۇقتىن" ئازاد قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتە رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قارا خۇمداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىلغانلارنىڭ ئارىسىدا، ئادىل ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تېرىشىپ كېلىۋاتىمىز.(جۈمە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت