چىڭخەيدە قۇش زۇكىمى بايقالدى

2005-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە قۇش زۇكىمى بايقالغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، چىڭخەيگە 3 مىليوندىن كۆپ قۇش زۇكىمى ۋاكسىنى ئەۋەتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى چىڭخەينىڭ گاڭچا ناھىيىسىدە ئۆلۈپ قالغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەنلىكى بايقالغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان بۇ رايون پۈتۈنلەي قامال قىلىنىپ، چىڭخەي ئۆلكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە ۋاكسىن ئۇرۇش ئىشى باشلانغان.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆلۈپ قالغان بۇ پەسىل قۇشلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كەلگەن. 2003 - يىلى قىشتىن بۇيان ھازىرغىچە قۇش زۇكىمى خىتايدا جەمئىي 53 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ۋېيتنامدا قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىلا 6 كىشى قازا قىلغان. مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدىن بۇيان ۋېيتنامدا قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

خىتايدا قۇش زۇكىمىنىڭ تارقالغانلىقى بايقىلىشى بىلەنلا، مالايسىيە خىتايدىن توخۇ قاتارلىق باشقا گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت