تىبەتتە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

2008-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر بىر قەدەر زىچ ئورۇنلاشقان گەرزە رايونىدا تىبەتلىك نامايىشچىلار بىلەن خىتاي ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلگەن.

مەركىزى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەركىزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تىبەتلىك راھىبلارنىڭ تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، 18 ياشلىق بىر تىبەتلىك راھىبنى ئېيتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپتە تىبەتلىك نامايىشچىلار، پىچاق، تاشلار بىلەن خىتاي ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن.

سىچۇەننىڭ تىبەت چېگرىسى يېقىنىغا جايلاشقان، گەرزە شەھىرىدە بىر نەچچە كۈندىن بېرى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرزەدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قارىماي، ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن شۇنىڭدەك بۇ ئەھۋال 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ھەر قانداق بىر پۇتلىكاشاڭغا ئۇچرىماي ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان خىتاي رەھبەرلىرىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت