ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ ھەربىي سېلىنمىدىكى ئارتىشىنى ئاقلىدى

2006-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور كۆلەمگە ئىگە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت ئەمەس، دەپ ئاقلىدى ۋە خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ يىلدا ئىككى رەقەملىك سان بىلەن كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، دەپ چۈشەندۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 7.14 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 283 مىليارد 8 مىليون يۈەنگە چىقارغان. ۋېن جياباۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ پۇلنى ھەربىيلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىي ئەسلىھەرلەرنى يېڭىلاش، تەلىم - تەربىيە ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىدىكەن. ۋېن جياباۋ، " جۇڭگو كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈچەيگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ ياكى باشقىلارغا زىيان سالمايدۇ " دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1990 - يىللاردىن بېرى ھەر يىلى ھەربىي خام چوتىنى ئىككى رەقەملىك سان بىلەن ئۆستۈرۈپ بارماقتا. خىتاينىڭ بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتى ئۇنىڭ ئومۇمى دۆلەت خام چوتىنىڭ 4.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. بىراق خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئۆسۈپ مېڭىشى خىتاينىڭ قوشنىلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىئارام قىلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھەربىي كۈچى ئۇنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئېھتىياج بولغان ھەربىي كۈچىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت