فرانسىيە خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى قورال - ياراقلار بىلەن تەمىنلىمەكتە، دەپ ئەيىبلىدى

2006-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مىشېل ئالىئوت مارېىي، خىتاينى ئافرىقىدىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ناھايىتى كۆپ مىقداردا قورال - ياراق سېتىپ، قورال - ياراق ئىمبارگوسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.

مىشېل ئاللىئوت مارېىي ئالدىنقى كۈنى فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا " خىتاي ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى "دەپ تەرىپلىدى. ئۇ، " شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، يەنى بىز قورال - ياراق ئىمبارگوسى قويغان دۆلەتلەردە دائىم خىتاينىڭ قورال - ياراقلىرىنى ئۇچرىتىۋاتىمىز " دەپ تەكىتلىگەن.

مارېىينىڭ ئەسكەرتىشىچە، چاد ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئەۋەتىلگەن فرانسىيە ئەسكەرلىرى بۇ دۆلەتلەردىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قولىدا خىتاي قوراللىرىنى بايقىغان. چاد بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى فرانسىيىنىڭ كونا مۇستەملىكىسى بولۇپ، بۇ 2 دۆلەت سۇداننى مەزكۇر دۆلەتلەردىكى توپىلاڭچىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى.

سۇدان بولسا خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ يېقىن شېرىكى. خىتاي سۇدان نېفىت سانائىتىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا. بۇ يىل 6 - ئايدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى سۇدانغا كۆپلەپ قورال - ياراق سېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

لېكىن خىتاي دائىرىلىرى فرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى " خىتاي - ئافرىقا مۇناسۋىتىگە قىلىنغان " ئىغۋاگەرچىلىك" دەپ ئەيىبلىدى. خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ "جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز ‏- ھەرىكەتلەر خەلقنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت