خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق باياناتى ھەققىدە مۇنازىرىلەشمەكتە

2007-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنت ئەزاسى پال شىمىت دۈشەنبە كۈنى ئولىمپىك كومىتېتىنى، كېلەر يىل بېيجىڭ ئولىمپىكى باشلىنىش ئالدىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا باياننامە ئېلان قىلىشقا" چاقىردى.

65 ياشقا كىرگەن پال شىمىت، 1968 ‏- ھەمدە 1972 ‏- يىللىرىدىكى ئولىمپىكتا ئالتۇن مېدال ئالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1964 ‏- يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، بۇنىڭغا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەب بولغان.

" يەنە شۇنداق ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى " دەپ بىلدۈرگەن پال يەنە " نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىنىڭ ناچار ئىنسان ھەقلىرى كېلىماتلىرىنىڭ ئولىمپىكقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىلتىجالىرىغا، بولۇۋاتقان ئىشلارغا قۇلىقىمىزنى يوپۇرۇۋالالمايمىز، ئىلگىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا قارىتا شۇنداق بىر سىياسىي بايانات ئېلان قىلغاندەك، ئولىمپىك كومىتېتى بۇنى يەنە قايتا قىلىشقا بولىدۇ، " دەيدۇ.

پال ئۆزى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قارشى بولۇپ، ئۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەنھەرىكەتچىلەرنى جازالاش دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئۇ بۇ خىتايغا بېرىلگەن ئالتۇن پۇرسەت، ئەمما بۇ پۇرسەت كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا بېرىلىشى كېرەك، "دەيدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت