خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

2008-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلىۋېزىيسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتچىسى چىڭ گاڭنىڭ سۆزلىرىدىن ئىسپاتلاپ خەۋەر ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تىبەت پايتەختى لخاسادا تىبەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان.

چىڭ گاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە " دۈشەنبە كۈنى لخاسادا ئاز بىر قىسىم لاما راھىپلىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان، قانۇنغا خىلاپ ۋەقە سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى " دېگەن.

چىڭ گاڭ بۇ سۆزلەرنى بىر مۇخبىرنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا رادىئومىزدا، 300 دىن ئارتۇق تىبەت راھىبلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى،لخاسادىكى شەھەر مەركىزى مەيدانىدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن يىغىلغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنىپ 60 قا يېقىن راھىبنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لخاسادىكى نامايىش يىغىلىشىغا قاتناشقۇچىلار ئاساسلىقى تىبەت راھىپ ھەم راھىبەلىرى بولۇپ، ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شۇ كۈنى يەنە، لخاسادا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقاتقان ئون بىر نەپەر تىبەت راھىپ ۋە راھىبەلەرنى قولغا ئالغان.

لخاسادىكى خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلەرنىڭ مەزكۈر نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن 10 ھەربىي ئاپتوموبىلى، 10 ساقچى ئاپتوموبىلى ھەمدە بىر نەچچە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، نامايىشچىلار زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ھەم ساقچىلار تەرىپىدىن تىنجىتىلغان. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت