بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

2008-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

" دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش " جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇجيا 18 - مارت سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بىردە بېيجىڭ شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا سوتتا سوتلاندى. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏ - تېلېۋىزىيىسىنىڭ بېيجىڭدىن ئىگىلەپ خەۋەر تارقىتىشىچە، سوت مەيدانىغا پەقەت ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قاتنىشىشى رۇخسەت قىلىنغان. سوت ئۈچ سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، سودىيە " قايتا كۆرۈپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىش ۋاقتىنى بېكىتىدىغانلىقى " نى جاكارلاش بىلەن سوت ئاخىرلاشقان.

خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بۇيىچە ئاكتىپ پائالىيەتچى 34 ياشلىق خۇجيا بۇلتۇر 12 ‏ - ئاينىڭ 27 - كۈنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن قارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تەھدىتكە ئۇچرىغان، تۇتۇپ،قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە نازارەتكە ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئايالى ۋە يېڭى تۇغۇلغان قىزىمۇ ئائىلىدە نەزەر بەنت قىلىنغان.

سوتتىن كېيىن ئۇنىڭ دىدارلاشمىغىلى تۆت ئايدىن ئاشقان ئايالى ۋە تۆت ئايلىق قىزى بىلەن بىر نەچچە مىنۇت كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت بېرىلگەن. سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خۇ جىيانىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ " خۇ جيا جىنايىتىگە ھەرگىز ئىقرار ئەمەس " دېگەن.

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جياغا سوت ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن " خۇ جيانىڭ قارىلىنىشى باشتىن تارتىپلا ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ بىر دېلو" دەپ بايانات ئېلان قىلدى شۇنداقلا "خىتاي بۇ يىل 8 -ئايدا خەلقئارالىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر دۆلەت. خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك، تەرەققىياتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا مەغرۇر كۆرسەتمەكچى ، شۇڭا بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ئىچىدىكى بارلىق تەنقىدىي ئاۋازلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا، خۇ جيانىڭ دېلوسى بۇنىڭ ئىسپاتى"دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ، مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە قايتا بېكىتىلگەندىن كېيىن، خۇ جيا مەسىلىسى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە " خۇ جيانىڭ دېلوسى قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ " دېگەن.

خۇ جيانىڭ ئادۋوكاتى سوتنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى شۇنداقلا خۇ جيانىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، بەش يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت