خوڭكوڭ تولۇق دېموكراتىيىگە تەييارلانماقتا

2007-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جەمىس كاننىڭخەم 6 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا "خوڭكوڭ ئاھالىلىرى ھازىر تولۇق دېموكراتىيە يۈرگۈزۈشكە تەييار" دېگەن، شۇنداقلا ئۇ يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ , "بۇ شەھەرنىڭ ئىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىق لازىم" دەپ تەكىتلىگەن.

كاننىڭخەم ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان خوڭكوڭ 1997 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خوڭكوڭدا ئالىي ئاپتونومىيە يولغا قويۇش جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىزچىل تۈردە ئارىلىشۋالماقتا.

‏-‏- ئەسلىدە خوڭكوڭ "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" دېگەن چارە بويىچە، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشى ۋە خوڭكوڭ خەلقى ئۆزلىرىنىڭ رەھبىرىنى ئۆزلىرى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق سايلاپ چىقىشى لازىم ئىدى-- دەيدۇ ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى كاننىڭخەم ئەپەندى،‏-‏-‏ ئەمما, خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزى بەلگىلەش چارىسىنى قوللىنىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ئەركىنلىكنى بوغدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل چەكلىمىسىدىن ئاللىقاچان بىزار بولغان خوڭكوڭ خەلقى ھازىر، ئۆز دائىرىسىدە تولۇق دېموكراتىيە يۈرگۈزۈشكە تەييار تۇرماقتا. بىز شۇنى زۆرۈر دەپ بىلىمىزكى، ‏-‏- دەيدۇ باش كونسۇل كاننىڭخەم ئەپەندى،‏-‏-‏ خوڭكوڭدىمۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىمۇ، خەلق ئۆزىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئومۇمى سايلام ئارقىلىق ئۆزى سايلاپ چىقىشى كېرەك.(ۋەلى)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت