ئامېرىكا فېدېرال سوتى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتى ئۈستىدىن ئىسپات يىغىنى ئاچماقچى

2007-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كالىفورنىيە شىتاتى ئوكلان شەھىرىدىكى ئامېرىكا فېدېرال سوتى 11 - ئاينىڭ 1- كۈنى ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش دېلوسى ھەققىدە مەخسۇس ئىسپات بېرىش يىغىنى ئاچماقچى.

مەزكۈر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامېرىكا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ۋەكىلى ۋاڭ شاۋنىڭ قاتارلىقلارنىڭ ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى شى تاۋ، ۋاڭ شاۋنىڭ قاتارلىق تور ئابونتلىرىنىڭ شەخسى ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى ھەققىدە ئىسپات بېرىدۇ. ياخۇ شىركىتى ئىلگىرى خىتاينى ياخۇ ئىنتېرنېت ئابونتلىرى بولغان ۋاڭ شاۋنىڭ ۋە شى تاۋلارنىڭ شەخسى ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ياخۇ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن خىتاي دائىرىلىرى 2003- يىلى ۋاڭ شاۋنىڭنى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. شى تاۋ 2004 ‏- يىلى قولغا ئېلىنىپ 2005 - يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ياخۇ شىركىتى فېدېرال سوتىدا ئىسپات بېرىپ " شىركىتىمىز خىتاينىڭ قانۇنىنى ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ شەخسى ماتېرىياللارنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق " دەپ بىلدۈرگەن. ھەمدە، 8 ‏- ئايدا ئەرزنى بىكار قىلىش تەلىپىنى قويغان. بۇنىڭغا " شى تاۋ قاتارلىقلارنى تۈرمىگە سولىغان ياخۇ شىركىتى ئەمەس خىتاي ھۆكۈمىتى، فېدېرال سوتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوتقا تارتىش ھوقوقى يوق " دەپ باھانە كۆرسەتكەن.

ئەرز سۇنغۇچى تەرەپنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ياخۇ ئىنتېرنېت شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ئارقىسىدا ئىلگىرى ‏- ئاخىرى بولۇپ تۆت كىشى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

فېدېرال سوتىنىڭ ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ياخۇ شىركىتى خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە ماتېرىيال تاپشۇرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىپلوماتىيە كومىتېتى ھەيئەت ئەزالىرى 11 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى ياخۇ شىركىتىنىڭ خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ھەققىدە تاپشۇرغان ماتېرىياللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت