جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرمىدى

2005-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالەمدىن ئۆتكەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ جەسىتى شەنبە كۈنى دەپنە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرمىدى ھەمدە بىر قىسىم ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنى داۋاملىق تۈردە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالدى.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، جاۋ زىياڭنىڭ ئۆلۈمىگە كەڭ كۆلەملىك تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىن يەنىلا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئامانلىق خادىملىرى "تيەنئەنمىن ئانىلىرى" تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى دىڭ زىشۇئاڭ، سىياسىي ئۆكتىچى رىن ۋەندىڭ قاتارلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆيىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرىنى ئۈزىۋەتكەن.

خىتايدىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جاۋ زىياڭنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن پائالىيەتچىلەردىن ئاز دېگەندە بەشى ئىز - دېرەكسىز يوقالغان ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتتىق قوغدىلىۋاتقان بولۇپ، فورمىلىق ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار كېلىپ- كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ۋە سومكىلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭ 17 - يانۋار كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى شەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى باباۋشەن ئىنقىلابىي قەھرىستانلىقىدا كىچىك دائىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دەپنە مۇراسىمىنى قاتتىق نارارەت ئاستىغا ئېلىپ، پەقەت ئۆزى تەستىقلىغان كىشىلەرنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلغان. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت