خىتاينىڭ 70 يىللىق تويىدا مۇقام خىتايچە ئورۇندالدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەييارلانغان، ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا ئورۇندالغان چەبىيات مۇقامىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىنىۋاتقان، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا تەييارلانغان، ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا ئورۇندالغان چەبىيات مۇقامىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
Social Media

مەدەنىيەتشۇناسلارنىڭ يەكۈنىچە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيانقى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ مەھسۇلى ۋە ئەقىل ھەم مەدەنىيەت جەۋھىرىدۇر.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مىراسى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئائىت بىر سەھنىسىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىدە، چەبىيات مۇقامىنىڭ سەھنىدە ئۇيغۇر ئارتىسلار تەرىپىدىن خىتاي تىلىدا ئورۇندالغاندەك ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىنى قوغداپ قېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىدىن يەنە بىر قېتىم سىگنال بەرگەن.

ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان 12 مۇقامنى ساقلاپ قېلىشىدا نەچچە ئون ئەۋلاد پىداكار سەنئەتكارلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەن ۋە ئېغىر بەدەللەر تۆلەنگەنىدى.

ھالە بۈگۈنگە كەلگەندە، مۇقام ۋارىسلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ ۋە تۈرلەر توختىتىلغانلىقى مەلۇم، نۇرغۇن مۇقامچىلار مۇزىكانتلارمۇ لاگېرلارغا قامالغان، ئۇيغۇر مۇقام سەنئەتكارلىرى قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا، سىياسىي ھاشالارغا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئاكشارىلانماقتا.

مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلۇپ بۇزۇلغان بىر ۋارىيانتىنىڭ خىتاينىڭ سەھنىلىرىدە نامايان قىلىنىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىماقتا. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، «بۇ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ھاقارەتلىنىشى ئەمەس، بۇ خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن داۋام قىلىپ كەلگەن ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋامى» ئىكەن. ئۇ: «مۇقامنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى دەۋرىمىزدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا جىسمانىي قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى» دەيدۇ.

دەرۋەقە، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا 19-سېنتەبىر كۈنىلوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى كەيت كرونىن فىرمېننىڭ ئېلان قىلغان «خىتاي شىنجاڭدا ھازىرچە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈشنى تاللىدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىن ھازىرغىچە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنىڭ جەريانلىرىدىن قارىغاندا بىر مىللەت ياكى گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىشنى ئاساس قىلغان زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئادەتتە بىر-بىرىنى ياندىشىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنى تامامەن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان خىتايلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىم كېچەك، تىل، ئۆرپ-ئادەت، يېمەك-ئىچمەك ھەتتا ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋە ئېستېتىك تۇيغۇسىغىچە بۆسۈپ كىرىپ، زورلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا بەلگىلىك تەھدىت ياراتماقتىكەن.

چەبىيات مۇقامىنىڭ خىتاينىڭ 70 يىللىق تويىغا ھازىرلانغان سەنئەت نومۇرى سۈپىتىدە خىتايچىلاشتۇرۇلۇپ بۇزۇلغان نۇسخىسى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىپلا قالماي، مۇقامغا ئىشتىياق باغلىغان، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان غەرب مۇتەخەسىسلىرىدىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىلدۈرگەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقام ئۆگەنگەن ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچى دوكتور ئەلىس ئاندېرسون خانىم، گەرچە خىتاينىڭ ب ئۇ تەشۋىقاتىدىن ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇر مۇقامىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەنلا ۋايىغا يەتكەن بىر تارىخىي مۇزىكا مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭ باشقا ھېچقانداق بىر تىلدا ئىستېتىكىلىك ئۇيغۇر تىلىدىكىدەك زوق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەقىقەتەن، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇزۇن تارىخى بىلەنمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹بىباھا گۆھەر›› دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسى، مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ‹‹ئۇيغۇر 12 مۇقامى›› ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسىنى يەنىلا خەلق مۇقاملىرىغا ئۇلاشقا بولىدۇ. چۈنكى ‹‹خەلق مۇقاملىرى خەلقنىڭ ھاياتى، قەلبى، فولكلور مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان ئۆلمەس ‹ئانا گەۋدە› بولۇپ، كلاسسىك مۇقاملار مۇشۇ ‹ئانا گەۋدە› ئاساسىدا شەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان››.

2003-يىلى ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەل ئىچى مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئون سىناق نۇقتىسىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. 2005-يىلى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ئەسلى بويىچە ساقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ياكى بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» مىزانلىرىغا خىلاپمۇ ؟

ئەجەبا بۇلارمۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۈگۈنكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىن قوغداپ قالاماسمۇ؟ بۇ ھەقتە جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن گەرچە بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا بىر قانچە نۆۋەت ئېلخەت ئەۋەتكەن بولساقمۇ ئەپسۇسكى تېخى جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

بۇ ھەقتە توختالغان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى: «مانا بۇ ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى، چەتئەلدىكى زىيالىي ۋە ياكى پائالىيەتچىلەرنىڭ قىلالايدىغىنىمىز دەل مۇشۇ، بۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خىتاينىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەت مۇزىكا مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ئەينى پېتى ساقلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇش» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت