70 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر نەچچە مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەنگە ئوخشاش تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مەملىكەتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بولۇپمۇ قوشنا خىتاينىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. يېقىندا قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىن ئالغان قەرزنى قايتۇرالماي، ئۇنى ياندۇرۇشنىڭ يېنىكلىتىشىنى سورىغانلىقى بىر قاتار ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «پەرغانە» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستان يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىن دۆلەت قەرزىنى تۆلەشنىڭ يېنىكلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرى خىتايغا بولغان قەرزىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئورنىغا مەملىكەتتىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشنى ۋەدە قىلغانكەن. قىرغىزىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رۇسلان قازاقبايېف مەملىكەتنىڭ مۇنداق ھەرىكەتكە بارغانلىقىنى مۇشۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى بىلەن باغلاشتۇرغان.
ئەمدى «مەركىزىي ئاسىيا» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇستەقىل ژۇرنالىست كرىس رىكلتوننىڭ «قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا قەرزى: دۆلەت خىراجىتىنى كېسىش بىلەن خەلقتىن مەبلەغ يىغىش ئارىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئېركىن ئاسراندىيېف مۇشۇ يىلى ئاپرېل ئېيىدا خىتاي تەرەپنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىلتىماسىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ مەسىلە بويىچە ھېچ قانداق رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغانىكەن.
مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قىرغىزىستاندىكى بەزى ئەمەلدارلار، ئالىي كېڭەش ئەزالىرى خىتاي قەرزىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خەلقتىن ياردەم سوراش تەكلىپىنى بەرسە، بەزىلىرى 100 مىڭ دوللار بەرگەن ھەر قانداق چەت ئەللىككە قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى بېرىش تەكلىپىنى بەرمەكتىكەن. مۇبادا 50 مىڭ چەت ئەللىك شۇ مىقداردا پۇل تاپشۇرسا، قىرغىزىستان 5 مىليارد دوللار يىغىپ، ئومۇمەن تاشقىي قەرزدىن، شۇ جۈملىدىن خىتاي قەرزىدىن قۇتۇلالايدىكەن.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس رەھىم ھاپىزوف ئەپەندى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاننىڭ خىتايغا بولغان قەرزىنىڭ بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئەرباپلار، سىياسەتچىلەر ئۈچۈن جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر قىرغىزىستاننىڭ تاشقىي قەرزى 4 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللارىغا يەتتى. 40 پىرسەنتىنى خىتاينىڭ قەرزى تەشكىل قىلىدۇ. 7-ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتايغا بولغان قەرز ئاساسىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. ئاددىي خەلق، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، سىياسەتچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىشقا قارشى چىقماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىگە چۈشۈپ قېلىش خەۋپى بار. ئۇنىڭغا بىر مىسال، تاجىكىستان خىتايدىن ئالغان مىلياردلىغان قەرزنى قايتۇرالماستىن، ئاخىرى بۇ قەرزنىڭ ئورنىغا ئۆز يېرىنىڭ 2 پىرسەنتكە يېقىن يېرىنى خىتايغا بېرىشكە مەجبۇر بولدى. مۇنداق ئەھۋال قىرغىزىستاندىمۇ تەكرارلىنىشى مۇمكىن.»
قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىننىڭ پىكرىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاللىقاچان يۈرگۈزۈۋاتماقتىكەن. بۇ جەھەتتە تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان خىتاينىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ بولغانكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستانمۇ ھازىرقى تۇرقىدا مۇشۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. قازاقىستان قاپقانغا چۈشمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئاز قالدى. ئومۇمەن قەرزنىڭ ئۆلچىمى ھەر ئەلنىڭ مەملىكەتلىك خىراجىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. تاجىكىستاننىڭ يەرلىك خىراجىتىنىڭ 60 پىرسەنتىگە يېقىنى خىتايغا قەرىز بولدى. قىرغىزىستاننىڭ 40 پىرسەنتى، قازاقىستان قەرزىنىڭ 20 پىرسەنتى خىتايغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بۇ چوڭ خەۋپ. بۇ خەۋپتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شۇ قەرزنى قايتۇرۇش كېرەك. شۇنىڭغا بار كۈچنى سېلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، شۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتنى پايدىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ بارلىقى ھازىرقى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان تۈزۈمگە باغلىق بولماقتا. بۇ تۈزۈم جىنايەتچى تۈزۈم. ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرۇش بۇ چوڭ مەملىكەتلىك جىنايەتتۇر. ھازىر بۇ تۈزۈمدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ھازىر خىتاي ھەتتا ئافرىقا ئەللىرىگىمۇ خەۋپ تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى ھازىرقى ۋاقىتتا قىرغىزىستان ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭغا بۇ يىلى باشلانغان كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، قىرغىزىستاندا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ تەسىرى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمىدە ياتقانلار ھۆكۈمەت بېشىغا چىقتى. جاپاروف پرېزىدېنت سايلىمىنى بەلگىلەپ، شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە يېڭى كەلگەنلەرنى قويدى. شۇنداق قىلىپ، قىرغىزىستاندا بىر سالاھىيەتلىك دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت رەئىسى يوق. ئەمدى خىتاي بىردىنلا پۇل بەرمەيدۇ. ئۇ ئۆزىگە پايدىلىق شەرتلەرنى قويىدۇ.»
قەھرىمان غوجامبەردى تاجىكىستاننىڭ قەرزنى قايتۇرالماي، ئۆز يېرىنىڭ بىر قىسمىنى بېرىۋەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇ يەردە ھەتتا ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگىمۇ سۆزسىز تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىرغا قەدەر تاجىكىستتاننىڭ خىتايغا قەرزى 40 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلسا، يەنە بىر ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكىتى ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ بىر قاتار بانكلىرىغا 3 مىليارد 300 مىليون دوللار قەرزكەن. ئەمدى قازاقىستاننىڭ تاشقىي ئومۇمىي قەرزى 152 مىليارد 700 مىليون دوللارنى تەشكىل قىلسا، شۇنىڭ ئىچىدىن خىتايغا 10 مىليارد 200 مىليون دوللار قەرز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.