ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى: «تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلاردىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتىمىز»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلاردىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بايانات. 2019-يىلى 30-دېكابىر. ئەنقەرە، تۈركىيە.
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلاردىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بايانات. 2019-يىلى 30-دېكابىر. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

30-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچسى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلاردىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسىي ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىدە خىتايغا قارشى ئاممىۋىي نارازىلىق نامايىشلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە. تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خىتاينى ئەيىبلەپ، ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلماقتا. بۇ باياناتلاردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرماقتا. 

بولۇپمۇ 20-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نامايىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى چۆچۈتكەن.

بىر مۇخبىرنىڭ «يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي شىركەتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا قانداق تەسىرى بولىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئەلچىخانىمىز تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئاممىۋىي ئالاقە يوللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېرورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تەدبىرلىرىنى ئوبېيكتىپ ھالدا تەپسىلىي ئاڭلىتىپ كەلدۇق. لېكىن بەزى يامان نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن تۈركىيەنىڭ بەزى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان خىزمەتچى خادىملار ئەلچىخانىمىز بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىنىڭ دەخىل-تەرۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ئەلچىخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتىمىز. بىز تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ۋە تۈركىيەگە كېلىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر ۋەزىيەتتە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولسا سىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.»

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇنچىلىۋالا ئەنسىرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ خىتاي ئەلچىخانىسى تەكىتلىگەندەك خىتاي دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى ئوبېيكتىپ ۋە ئەينەن ئاڭلىتىۋاتامدۇ؟ خىتاي ئەلچىخانىسى ئېيتقاندەك تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاممىۋىي نامايىشلار بەزى يامان نىيەتلىك كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولىۋاتامدۇ؟ 

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە كېڭەيگەنلىكىنى، نامايىشلارنىڭ كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىش بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈرك خەلقى بىرىنچىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىككىنچىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىكەن. 

ئون مىڭلىغان تۈرك خەلقىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەرمۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ خىل ئاممىۋىي نامايىشلارنىڭ خىتايغا چوقۇم تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت دۆلەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن بولغان تىجارىي تەڭپۇڭسىزلىقنى خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ ئەۋەتىش ئارقىلىق تەڭشەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. 

تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ توسۇپ قويۇش ئېھتىمالى مەۋجۇتمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە بەزى چەكلىمىلەرنى قويۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن پۈتۈنلەي چەكلىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر بايانات خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت