ئانالىزچىلارنىڭ خۇبېي ۋە خۇنەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ھەققىدىكى قاراشلىرى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
10-فېۋرال «خۇنەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسى». 2020-يىلى 10-فېۋرال.
10-فېۋرال «خۇنەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسى». 2020-يىلى 10-فېۋرال.
Social Media

2-ئاينىڭ 2- ۋە 10-كۈنلىرى «ۋۇخەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇبېي مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» بىلەن «خۇنەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» قاتارلىق يازما ۋە ئاۋازلىق «خىتابنامە» لەر تۋىتتېر، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىدى.

19-فېۋرال كۈنى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كانادادىكى خىتاي پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىم «ۋۇخەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ خۇبېي مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» نى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

شېڭشۆ خانىم «ئالما» گېزىتىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى» نامىدىكى بۇ خىل باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ بۇنىڭغا نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىيە كۆرۈش» نامىدا پۈتۈن خىتايدا يۈرگۈزىۋاتقان ئومۇمىي قامالنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا «ۋۇخەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇبېي مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» بىلەن «خۇنەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ۋۇخەن، چاڭشا قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىن چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرىگە يوللىنىپ، ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

شېڭ شۆ خانىمنىڭ 20-فېۋرال كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر بۇ ئىككى باياناتنى يوللىغۇچىلار ئۇنىڭ خىتاي ئىچىدىكى تورداش دوستلىرى ئىكەن. بۇ ئىككى بايانات «ۋۇخەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» ۋە «چاڭشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» تەرىپىدىن يوللانغان بولۇپ، بىخىەتەرلىك نۇقتىسىدىن ھازىرچە بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكى مەخپى تۇتۇلماقتىكەن.

شېڭشۆ خانىم 20-فېۋرال كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پەيدا بولغان خۇبېي ۋە خۇنەن «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

شېڭ شۆ خانىم خىتايدىكى ئىككى ئۆلكىنىڭ نامىدا «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۆۋەتتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كومپارتىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان قامال سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دېدى: «ھازىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئالغان چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەر سەۋەپلىك خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىكى نارازىلىق كەيپىياتىغا دىققەت دېگەندەك مەركەزلەشمىدى. ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاي پۇقرالىرى بۇ خىل ئېغىر ۋەزىيەتتە ئۆزىنى-ئۆزى قۇتقۇزۇش ۋە ھايات قېلىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا پۇقرالار قانداق قىلىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى، قانداق قارشىلىق قىلىشنى، ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزۇشنى ۋە خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ، ئەلۋەتتە.»

شېڭ شۆ خانىم يەنە ئۆزىنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ئىچىدىمۇ ئالاقە تورىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ 2-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان «ۋۇخەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ «خۇبېي مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نىڭ چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ياردەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 10-فېۋرال «خۇنەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نامىدا ئېلان قىلىنغان «خۇنەن مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» مۇ چەتئەللەردىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ چەتئەلدىكى خىتايلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ ئىككى ئۆلكىسىنىڭ نامىدىكى «مۇستەقىللىق خىتابنامىلىرى» گە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان يوقىرىقى «خىتابنامە» لەرنىڭ كىملەر ۋە قانداق بىر تەشكىلات تەرىپىدىن، قانداق شەكىلدە ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن. گەرچە بۇلارنىڭ رەسمىي شەكىلدىكى بىر قارار ياكى خىتابنامە ئىكەنلىكىنىنى دەلىللەيدىغان پاكىتلار تېخى ئېنىق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋالنى خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئويغىنىشنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتاي مىللەتچىلىرى مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغىغانلىقى، شۇ مەزگىلدە خىتايدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللقى ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بىر ئەسىر ئىلگىرىكى خىتاينىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدا يۈز بەرگەن بۆلۈنۈش ۋە ھەرقايسىي ئۆلكىلەرنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشىدەك يۈزلىنىشنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىتايدىمۇ يۈز بېرىشىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت