ياپونىيەلىك كارتونىست يازغۇچى تومومى خانىم لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىر قىلماقچى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-09-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇن تەسۋىرلەنگەن رەسىم.
ياپونىيەلىك كارتونىست تومومى شىمىزۇنىڭ «بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق چاتما كارتونلىرىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇن تەسۋىرلەنگەن رەسىم.
camp-album.com

ياپونىيەدە مانگا دەپ ئاتىلىدىغان كارتونلۇق تەسۋىرىي ھېكايە شەكلى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ۋە خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك يازغۇچى ۋە كارتونىست تومومى شىمىزۇ خانىمنى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەممىسى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان كارتونلۇق ھېكايە-رومانلىرى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ياپونىيەدە تونۇلۇشىدا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامىلىشى بىلەن ئۇ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ياپون مېدىئالىرى ۋە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتنىشىپ كەلمەكتىكەن.

ياپونىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى گۈلىستان خانىم تومومى خانىمنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى كارتونلۇق يەنى مانگا شەكلىدە ئېلان قىلىشىغا تەرجىمان سۈپىتىدە ياردەملەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ، گۈلىستان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تومومى خانىمنىڭ خالىس ھالدا كارتونلۇق ھېكايە شەكلىدە تارقىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دائىر ئەسەرلىرى، يالغۇز ياپون ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەشۋىقات رولىنى ئويناپلا قالماي، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن قوللىنىشچان تەشۋىقات ماتېرىيالى سۈپىتىدە بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلمەكتىكەن.

بىز گۈلىستان خانىمغا، كارتونىست تومومى شىمىزۇ خانىمدىن ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ لاگېردا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى يورۇتۇلغان 2-ئەسىرىنى، لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ كەچمىشلىرىگە بېغىشلىشىغا نېمە سەۋەب بولغانلىقى، گۈلباھارنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان تەرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى ھاۋالە قىلغانىدۇق. گۇلستان خانىم بىزنى تومومى خانىمنىڭ قايتۇرغان ئەستايىدىل جاۋابلىرىدىن خەۋەرلەندۈردى.

تومومى خانىم-2 سېنتەبىر رادىيومىزغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە، ئۆزىنىڭ «ماڭا نېمە بولدى: بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» تېمىسىدىكى 1-كىتابى، يەنى لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ كارتونلۇق ھېكايىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىنتايىن يۇقىرى ئىنكاسقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە شاھىتلىق ھېكايىلىرىنىڭ داۋامىنى ئىشلەش ئىلھامىدا ئىزدىنىۋاتقان چاغلاردا، يەنى 2019-يىلى ئۆكتەبىردە گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئىنتايىن چىن ۋە تەپسىلىي ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىقىنى كۆرۈپ تەسرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گۈلباھارنىڭ گۇۋاھلىقىدىكى مۇھىم ھالقىلار ھەققىدە توختالغاندا تومومى خانىم گۈلباھارنىڭ ئۆزىدىن باشقا لاگېردىكى ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېرغا سولانغان يەنە 200دەك ئايالنىڭ ئىسىم ۋە ھېكايىلىرىنى ئەسلەپ يېزىپ قالدۇرغانلىقىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقىنى بايان قىلغان.

گۈلباھار جېلىلوۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېتىم كامېر ئالمىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئادۋوكات، دوختۇر، ئوقۇتقۇچى، پروفېسسور، سەنئەتچى ۋە ئوتتۇرا ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇر ئايالنىڭ تارتقان ئازابلىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى ئاڭلاتقانىدى.

تومومى خانىم رادىيومىزنى يەنە، ئۆزىنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كەچمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن كارتون ھېكايىلىرىنىڭ توپلامىنىڭ، كېلەر ئايدا يەنى ئۆكتەبىر ئايلىرىدا نەشردىن چىقىش ئالدىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەرلەندۈردى.

تومومى خانىمنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان كارتونلۇق ئەسەرلىرى، يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم پىدائىي تەرجىمانلار تەرىپىدىن ئىنگلىز، تۈرك، ئىتالىيە، فرانسۇز قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەلمەكتە. تومومى خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئۇچراۋاتقان مەسىلە ئەمەس پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇچراۋاتقان بىر ئادالەتسىزلىك ۋە زۇلۇم دەپ تونۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلاردا كۆڭۈل بولۇۋاتقان كىشىلەرگە، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنسانىيلىققا خىلاپ زۇلۇملىرىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ كەڭرى ئاڭلىتىلىشىدا ياردەمدە بولۇۋاتقان بارلىق پىدائىيلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت