ياپونىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى: «ئۇيغۇرلار يۈكسەك مىللىي ئاڭغا ئىگە سەرخىللەرنى يېتىشتۈرۈشى لازىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇچقۇن
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياپونيەدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئۇيىئۇكا لىيوجى ئەپەندىم تەكلىپ بىلەن دوكلات بەرمەكتە. 2019-يىلى 25-ماي، توكيو.
ياپونيەدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئۇيىئۇكا لىيوجى ئەپەندىم تەكلىپ بىلەن دوكلات بەرمەكتە. 2019-يىلى 25-ماي، توكيو.
RFA/Uchqun

5-ئاينىڭ 25-كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئېتىبارسىز قارىلىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا چارىلەر» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەت ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ياپونيەدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئۇيىئۇكا لىيوجى ئەپەندىم تەكلىپ بىلەن دوكلات بەرگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە توكيودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ياپونلار قاتناشقان. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان توكيودىكى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيىتىمىزگە ياپونىيەدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئۇيىئۇكا لىيۇجى ئەپەندىمنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دۇنيادا سەل قارىلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇيىئۇكا لىيۇجى ئەپەندىم يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان بولۇپ، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى توغرىسىدا تەنقىدىي قاراشقا ئىگە بىر شەخىستۇر».

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە ئۇيىئۇكا لىيۇجى ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيىئۇكا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى لوبىيچىلىق پائالىيەتلىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئېنىق چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ئاجىزلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى. بۇ پائالىيىتىمىزگە توكيودىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشتى، بىز بۇندىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياپونىيەلىك تەتقىقاتچىلارنى كۆپلەپ تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرگە ياپونىيەلىكلەرگە ئۇيغۇر داۋاسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمىز».

ياپونىيەدىكى ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئۇيىئۇكا لىيۇجى ئەپەندىم مەزكۇر يىغىندا 2 سائەتكە يېقىن دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ مەزكۇر دوكلاتىدا ھازىرقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، تېخىمۇ توغرىسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

«ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھالدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە كۈلپەتلەر توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن سۇس بولماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئۇ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ياكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسى ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قارىلىدۇ. مېنىڭچە، ھازىر ئۇيغۇرلار كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇرلار يۈكسەك مىللىي ئاڭغا ئىگە سەرخىللەرنى يېتىشتۈرۈشى يەنى مائارىپىنى چىڭ تۇتۇشى لازىم، مىللىي مائارىپ قولدىن كەتسە ئۆزى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان ئەمما ئۇيغۇر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئادەملەر يېتىشىپ چىقىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ».

مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئارسلان ئەپەندى يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى:

«5-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە بونكىيۇ رايونىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بىر دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە توكيو ۋە توكيو ئەتراپىدا ياشايدىغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قىسىم ياپونلۇقلارمۇ قاتناشتى».

ئارسلان ئەپەندى يەنە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايمىز؟ چەتئەللىكلەر، بولۇپمۇ بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپ خىل نۇقتىلاردىن چىقىش قىلغان كۆز-قاراشلىرى ۋە باھالىرى بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇشۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك كۆز-قاراش ۋە چۈشەنچىلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى مەلۇماتلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىز كېرەك».

ئىگىلىنىشىچە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئېتىبارسىز قارىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا چارىلەر» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنى 25-ماي شەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىن 4سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت