ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنى قوزغاش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياۋروپادىكى تۈرك ھەم ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قارشى قوزغاش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

18-دېكابىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ۋە 19-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا 20 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلىپ خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلىشى ياۋروپا مىقياسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى تۈرك جامائىتى ھەم ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ خىتايغا قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا ئىدى.

ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ خىل ھېسداشلىقنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، تەسىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان د ئۇ ق رەھبەرلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، فرانكفۇرت، ستۇتگارت، نۈرنبېرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدە تۈرك ۋە ئەرەب جامائىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەم جازا لاگېرلىرىنى مەسىلىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ د ئۇ ق دىن ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن 21-دېكابىر بېرلىندا، 22-دېكابىر ميۇنخېندا تۈرك ۋە ئەرەب ياشلىرىغا شەرقىي تۈركىستانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلاتلار تەقدىم قىلىنغان.

20-دېكابىردىن 23-دېكابىرغىچە يەنە د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن 3 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا ۋەكىل تەلەپلەرگە بىنائەن گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت، ستۇتگارت، نۈرنبەرگ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى «ياۋروپا نىزامى ئالەم تۈرك فېدېراتسىيونى»، «ياۋروپا تۈرك-ئىسلام بىرلىكى»، «ياۋروپا تۈرك فېدىراتسىيونى»، «ئالىپئەرەنلەر» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى پۈتۈن ياۋروپاغا تارالغان چوڭ تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزلىرىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بولۇپمۇ تۈرك ياشلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پۈتۈن ياۋروپاغا كەڭ تونۇتىدىغانلىقى ھەم ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشلار تەشكىللەپ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن نامايان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ ئۇ بۇ خۇسۇستا توختالغاندا بۇ دوكلات تەقدىم قىلىش پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ، تۈرك جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن نۇرئەھمەت قارىممۇ مەزكۇر پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن ئەرەب ۋە تۈرك دۆلەتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىرادىسىگە قارشى ھالدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە ھازىرغا قەدەر كۆز يۇمۇش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتقان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى، ئىسلامغا قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ئەۋەتكەن خەتلىرى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۈكۈتلىرىنى تەرك ئېتىش، ئادالەت مەيدانىدا تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتلىرى جاۋابسىز قالغان. بۇ دۆلەتلەرنى قوزغاش ئۈچۈن ياۋروپادىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان تەشكىلاتلارنى ئالدى بىلەن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق سۈكۈت ئىچىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش زۆرۈر ئىكەن. بۇ ۋەجىدىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە لوندون، پارىژ، بېرلىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە تۈرك ۋە ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا كۆلىمى زور بولغان نامايىشلار تەشكىللىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت