ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتى 19-دېكابىر كۈنى ماقۇللىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدىكى قارار لايىھىسى توغرىسىدىكى باياناتى.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتى 19-دېكابىر كۈنى ماقۇللىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدىكى قارار لايىھىسى توغرىسىدىكى باياناتى.
uyghurcongress.org

ياۋروپا پارلامېنتى 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائىيە ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشىدا ماقۇللانغان قارار لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىپ، رايوندىكى بارلىق لاگېرلارنى تاقىشى، تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېلان قىلىشى شۇنداقلا ياۋروپا كومېسسىيەسىنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو مېخانىزمىنى ئىشقا سېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئۇنىڭدا رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قارارىنى 2014‏-يىلى 4‏-ئايدا يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ چۈشۈرگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىشى شۇنداقلا مەزكۇر رايونغا تېخنولوگىيە ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشى، رايوندا ئىشلەنگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قارار لايىھەسى 18‏-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا «ساخاراف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» تارقىتىپ ئارقىدىنلا ئاۋازغا قويۇلغان. قارار لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركى مىللەتلەر ئولتۇرۇشلۇق مەزكۇر رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنىڭ «دىن ۋە ئېتنىك مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» غا ئايلانغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا يەنە رايوندا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېتىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى، بۇ لاگېرلاردا «سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش» ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قارار لايىھەسى 19‏-دېكابىر ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇنازىرە قىلىندى. مۇنازىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ گوللاندىيەلىك ئەزاسى كاتى پىرى سۆز قىلىپ، رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. 

كاتى پىرى مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئېتنىك، مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ ئەڭ چوڭ تەقىبلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇپ قويۇلدى. كۈندىلىك ھاياتنىڭ ھەر ساھەسى تەقىب قىلىنماقتا. تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىكى ئورتاق ئۆلچەم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە باغلىق دەپ قارىماقتا. بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق تۇتقۇنلارنى ھېچقانداق جازاسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. رايوندىكى بارلىق لاگېرلار تاقىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. شۇنداقلا بىز يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بار كىشىلەرگە نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى كۈتىمىز.» 

مۇنازىرىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەنگلىيەلىك ئەزاسى فىل بەننىئون سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقىشىنى، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە قاراپ تۇرالمايدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالدا خىتاي بىلەن نورمال سودا ئالاقىسى قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. فىل بەننىئون مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاينىڭ مۇخبىرلار ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز، شۇنداقلا خىتاي بىلەن نورمال سودا ئالاقىسىز قىلالمايمىز. مېنىڭ قارىشىمچە، نۆۋەتتە بۇ رايوندا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ.» 

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ شىۋېتسىيەلىك ئەزاسى دەيۋىد لېگا 18‏-دېكابىر كۈنى كۈنىدىكى مۇنازىرىدە سۆز قىلىپ، قارار لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا قارىتا بەك ئاستا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر ھەرىكەتكە ئۆتمىسە بەك كېچىكىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دەيۋىد لېگا مۇنداق دەيدۇ: «بىز مىليونلىغان كىشىنىڭ دىنى ئېتىقادى سەۋەبلىك نىشانغا ئايلانغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز يەنە ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ مىليونلىغان كىشىنى ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز ياۋروپالىقلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا بۇ لاگېرلارغا ئالاقىدار قورقۇنچلۇق خاتىرىلىرىمىز بار. بىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان قورقۇنچلۇق جىنايىتىگە قارىتا بەك ئاستا ھەرىكەت قىلدۇق. دوستلار، خىتاي مەسىلىسىدە بىزنىڭ جىنايەتكار كومپارتىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئويۇن ئويناشنى توختىتىش ۋاقتىمىز كەلدى.» 

لېكىن دەيۋىد لېگانىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى ئېمبارگو قارارى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلھام توختىغا بۇ يىللىق ‹ساخاروف مۇكاپاتى› نىڭ بېرىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئەمدى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پەيشەنبە كۈنى بىز ئاۋاز بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلغۇچىلارغا قارىتا نىشانلىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللايمىز. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىمىز ئېمبارگو بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشتىن ۋاز كېچىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىكتۇر.» 

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ مۇنازىرە ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2019‏-يىللىق «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا مۇكاپاتنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قارار لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 19‏-دېكابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆز يۇمۇۋاتقاندا ئىسلام دۆلەتلىرىگە كۈچلىك سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

مەزكۇر قارار لايىھەسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ماقۇللىغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار 3‏-قېتىملىق قارار لايىھەسىدۇر. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قارار لايىھەسىدە يەنە ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتقان رايوندىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق» قا ئۈندىگەن. شۇنداقلا يەنە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن قارار لايىھەسىدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلەرنىڭ پاناھلىق رەسمىيىتىنى تېزلىتىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت