ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىدا گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى(ئوڭدا) ۋە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى. 2018-يىلى 15-ماي.
ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىدا گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى رەئىسى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى(ئوڭدا) ۋە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گۇۋاھلىق سۆزى قىلدى. 2018-يىلى 15-ماي.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتى ئالدىنقى كۈنلىرى ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلان´غاندا، بۇ ئاي ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى رەسمىي كۈنتەرتىپكە قويۇپ تالاش-تارتىش قىلىشنى قارار قىلغان.

«ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا: ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرىكەت باشلىدى-لەيەن بېيجىڭ بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەكچى» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىنىشىدە، گېرمانىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دەر لەيەن 1-دېكابىر خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ئىش باشلىغان 1-كۈنى تۇنجى ئىشىنى بېيجىڭنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرىگە بىۋاستە تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى سۆزلىشىشتىن باشلىماقچى بولغان. 

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دەر لەيەننىڭ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە مەلۇمات يوق. ئەمما ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە فرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى مەركىزىگە جەم بولۇپ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى 3 كۈن تالاش-تارتىش قىلىدىكەن. 

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى داۋىد مك ئاللىستېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستراسبۇرگدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا تالاش-تارتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى 9-دېكابىر ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چوقۇم مۇزاكىرىگە قويىدىكەن. 

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق جىددىي پوزىتسىيەگە كېلىشىگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئائىت يېقىندا ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر سەۋەب بولغان. داۋىد مك ئاللىستەر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ھۆججەتتىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى ئىنتايىن ئەندىشە قوزغايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە: «رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى باھالاش ئۈچۈن، ب د ت ۋەكىللىرىگە دەرھال ھېچقانداق توسالغۇسىز ھالدا شىنجاڭغا كىرىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىش كېرەك» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان. 

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا پارلامېنتى 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ستراسبۇرگدا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس يىغىندا 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلىپ، خىتايدىن جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغانىدى.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە گېرمانىيە ۋە ياۋرۇئوپادىكى كۆپلىگەن داڭلىق گېزىت-ژورناللار، تېلېۋىزورلاردا ئۇيغۇرلار ھەم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە قىززىق تېما بولغانلىقىنى، بۇنىڭ مۇقەررەر ھالدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

«ئۇيغۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىماقتا: ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ھەرىكەت باشلىدى-لەيەن بېيجىڭ بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەكچى» ناملىق مەزكۇر خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2020-يىلىنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. لېكىن كونكرېي ۋاقىت ھەم زىيارەت قىلىدىغان جايلارنىڭ ئورنى تېخى ئېنىق بولمىغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىشى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. ئەمما ئۇنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكى تېخى مەلۇم ئەمەسكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ نورۋېگىيەدىمۇ قىززىق تېما بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

12-ئاينىڭ 10-كۈنى د ئۇ ق ياۋرۇپا پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تەجرىبىخانىسىمۇ؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

12-ئاينىڭ 18-كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگدىكى مەركىزىدە يەنە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن «ساخاروف مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت