تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىستون يازغۇچىسى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئىستۇن يازغۇچىسى، پروفېسسور نىھات ئالى ئۆزجان ئەپەندى.
«مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئىستۇن يازغۇچىسى، پروفېسسور نىھات ئالى ئۆزجان ئەپەندى.
Nihat Aliy Özjan ependining Twittéridin élin’ghan

تۈركىيەدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئىستۇن يازغۇچىسى، پروفېسسور نىھات ئالى ئۆزجاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر ماقالىسى سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ ۋەقە تۈركىيەدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ تاراتقۇلاردا خىتايغا دائىر ئىجابىي خەۋەرلەرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغان ئاز ساندىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ قاراشلىرىغا كەڭ ئورۇن بېرىلىپ، خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلەيدىغان قاراشلار ۋە يازمىلارنى چەكلەش كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر تىپىك مىساللىرىدۇر.

تۈركىيە TOBB ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور، تۈركىيە ئىقتىسادىي سىياسەت تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نىھات ئالى ئۆزجان «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىستۇن يازغۇچىسى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭ ئىستۇن يازغۇچىلىقىغا خاتىمە بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، پروفېسسور ئۆزجاننىڭ ئىستۇن يازغۇچىلىقىدىن ئىستېپا بېرىشىگە ئۇنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا ئېلان قىلغان «خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىسى سەۋەب بولغان. ماقالىدە «خىتاينىڭ قىممەت ئۆلچىمى ۋە قائىدە تونۇمايدىغانلىقى، كەسكىن تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى يوقۇتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ نومۇس قىلارلىق ھادىسە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

نىھات ئالى ئۆزجان رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ بۇ ماقالىسى سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ 21-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «تۈركىيە چوڭ بىر دۆلەت، 84-85 مىليون ئىنسان ياشايدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ھەممە ئادەم ھەممە مەسىلىدە ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولۇش مەجبۇرىيىتىدە ئەمەس. ھۆكۈمەت بىلەن ئوخشاش ئويلايدىغان مەسىلىلىرىمىز بار، ئوخشاش ئويلىمايدىغان مەسىلىلىرىمىزمۇ بار. بۇ مەسىلە ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئويلىمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بۇ بىر. ئىككىنچىسى، ئۇلار دېدىكى گېزىتنىڭ يول قويۇش دائىرىسى بار. تەبىئىي، نەتىجىدە ئۇنىڭ بىر ئاخباراتچىلىق سىياسىتى بار. بۇ مەسىلىدىكى قاراشلىرىمىز ئۇلارنىڭ خوشىغا كەتمىگەن بولسا كېرەك، داۋاملىق باراۋەر ئىشلەشنى خالىمىغانلىقىنى ئېيتتى. تەبىئىي، مەنمۇ مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئەمەس دەپ ۋاز كەچتىم.»

نىھات ئالى ئۆزجان يەنە خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىستېلا قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ سىياسىتى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.

نىھات ئالى ئۆزجان مۇنداق دەيدۇ: «يۈزلەرچە، مىڭلارچە يىللاردىن بېرى ياشاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىردىنلا ئاسسىمىلياتسىيەگە تۇتۇلۇشى، زور نوپۇس كۆچۈرۈرۈش ھەرىكىتى، ئىقتىسادى كۈچى، بىر مىليارد 300-400 مىليون نۇپۇسى بىلەن 30-40 مىليونلۇق ئاز نوپۇستىكى ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايوننى ئىستىلا قىلىشى، ئەگەر بۇ توختىماي مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزدە 2 پىرسەنتكە چۈشۈپ قېلىشتەك بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانىغا دۇچ كېلىشى ئېھتىماللىقى زور. بۇ 21-ئەسىردە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك ئىنكاسىم قاتتىق بولدى. ئىنسانلارنىڭ ئۆز چۈشەنچىسىنى يېزىشى تۈركىيە ئۈچۈن نورمال ھادىسە. مانا بۇ بىز كېلىشەلمىگەن نۇقتا.»

نىھات ئالى ئۆزجاننىڭ ماقالىسى خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى، خىتاينىڭ «مىللىيەت» گېزىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز 22-سېنتەبىر «مىللىيەت» گېزىتىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى مەتە بەلوۋاجىلىقنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. مەتە بەلوۋاجىلىقلىنىڭ كاتىپى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ ئۇنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا بۇ ھەقتىكى زىيارەت تېلېفونىمىزنى يەتكۈزىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بىزگە تېلېفون قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر تېلېفون قايتۇرمىدى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ بىر ئىستۇن يازغۇچىسىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىشى تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل كونجوق ئەپەندى 22-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «مىلىيەت» گېزىتىنىڭ ھەرىكىتىنى «نومۇس قىلارلىق ۋەقە» دەپ تەنقىدلىدى.

ئىسمائىل كونجوق مۇنداق دەيدۇ: «مەن نىھات ئەپەندىنىڭ ھېلىقى ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. ناھايىتى ياخشى يېزىلغان، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقمىغانلىقىمىز يېزىلغان ماقالە. لېكىن مېنىڭ نىھات ئەپەندىنىڭ ‹مىللىيەت› گېزىتىنىڭ ئىستۇن يازغۇچىلىقىدىن چىقىرىلغانلىقىدىن خەۋىرىم يوقكەن. ئەگەر نىھات ئەپەندى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە ماقالە يېزىپ ‹مىللىيەت› تىن قوغلانغان بولسا، بۇ نومۇس قىلارلىق ۋەقە. بۇنىڭغا سەۋەب بولغانلارنى شىددەتلىك تەنقىدلەيمەن. نىھات ئەپەندى بىر مۇسۇلمان تۈرك بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ پاجىئەسىنى تىلغا ئاپتۇ. بۇنىڭدىن نورمال ئىش بولامدۇ. بۇ بىر ئىنسانلىق ۋەزىپىسى. مۇسۇلمان بولۇشنى، تۈرك بولۇشنى قويۇپ تۇرساقمۇ، ئىنسان بولغان ھېچكىم بۇ زۇلۇم، بۇ ئاسسىمىلياتسىيىگە كۆز يۇمالمايدۇ.»

نىھات ئالى ئۆزجان «مىللىيەت» گېزىتىدىكى ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇ زۇلۇمنى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا سېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە دۆلەتلەرنىڭ پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ خېلى زور سالماقنى ئىگىللەيدىغانلىقى، «دىن بىلەن مەنپەئەتنىڭ بىرىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تەرەدۇتسىز مەنپەئەتنى تاللىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. پروفېسسور نىھات ئالى ئۆزجاننىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە دىلىغول بولماقتا ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تېخنولوگىيە شۇنچىلىك تەرەققىي قىلدىكى، تېخنولوگىيەدىكى بۇ تەرەققىيات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى، ئۇلارغا قانداق غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى رەسىم، ۋىدېيو ۋە تېخنولوگىيەلىك ئىمكانلار بىلەن ئاشكارىلاپ بەردى. ھازىر (تۈرك) ھۆكۈمىتى دىلىغوللۇق ئىچىدە قالدى. بىر تەرەپتىن تۈرك ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەقسىزلىققا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلارغا تۇتقان غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىسىگە زۇۋان سۈرمەيۋاتىدۇ. زۇۋان سۈرمەسلىكىگە ئىقتىسادى ئامىل سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.»

بىراق پارلامېنت ئەزاسى ئىسمائىل كونجوقنىڭ قارىشىچە، ھېچقانداق بىر باھانە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇشقا سەۋەب بولالمايدىكەن. ئۇ: «بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىر قاتار ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىمىز، ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز بار، دەپ بۇ زۇلۇمغا كۆز يۇمۇش، مۇسۇلمان بولۇش، تۈرك بولۇشنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ، بايا دېگەندەك ئىنسان بولغان ھەرقانداق بىرسىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بىز بۇنى ھەر خىل سەھنىلەردە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىمىز. مەن ‹مىللىيەت› گېزىتىنىڭ ئىستۇن يازغۇچىسى نىھات قېرىندىشىمىزنىڭ بېسىم بىلەن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەنقىدلەيمەن. بۇنى كېرەكلىك ئورۇنلاردا تىلغا ئالىمەن» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇنجى قېتىم بۇ خىل پوزىتسىيەدە بولۇشى ئەمەس. ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان بۇ گېزىت 2019-يىلى ئۆزىنىڭ مۇخبىرى گۆكخان قاراقاشنى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، لاگېرلار ھەققىدە ئىجابىي خەۋەرلەرنى بەرگەن. «مىللىيەت» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ ئاقسۇ، خوتەندىكى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزىلىرى» دە «ئوغرىلىق قىلىپ تۇتۇلغان» ئۇيغۇر ئاياللىرىغا، «قىزىنى ئۇرغان ياكى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن» ئۇيغۇر ئەركەكلىرىگە ھۈنەر ئۆگىتىلىدىغانلىقى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، خوتەن كوچىلىرىدا ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ياڭراپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت