گېرمانىيەدە «يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن ۋە شىتۇتگارت شەھەرلىرىدە «يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

28-ئىيۇل كۈنى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەركەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ميۇنخېن ۋە شىتۇتگارت شەھەرلىرىگە جەم بولۇپ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى.

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھىرىدە ياشايدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىتۇتگارت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا كارلسرۇھې، مانھايىم، شىتۇتگارت ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان.

شىتۇتگارتتىكى نامايىشچىلار شەھەرنىڭ ئاۋات مەركىزىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى لەپىلدىتىش بىلەن بىرگە جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنىمۇ كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلىپ قىلغان.

گېرمانىيەدە يەككە نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇللانىڭ بىلدۈرۈشىچە، شوتۇتگارت شەھىرىدىكى بۇ قېتىمقى نامايىش يەركەن قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» گە ئاۋاز قوشۇش ھەمدە خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇشنىمۇ مەقسەت قىلغان ئىكەن.

28-ئىيۇل كۈنى يەنە ميۇنخېن شەھىرىدىمۇ «يەركەن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاساس قىلغان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشتا جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتايلىشىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان گۈلزىرە خانىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

سىڭلىسى گۈلگىنە جازا لاگېرىغا قامالغاندىن بۇيان لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولۇپ كېلىۋاتقان گۈلزىرە خانىم ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنى بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە «ئاق-كۆك 19 ھەرىكىتى» گە ئاۋاز قوشۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. ئۇلار بۇندىن كېيىن ھەر يەكشەنبە كۈنى ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ئاۋات ئورۇنلىرىدا نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت